• يېڭى ماقالىلەر

AIDS ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: يۈكسەل بلوگى | ۋاقتى: 2018/03/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: يۈكسەل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﻨﻘﯩﻜﻰ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺭﯦﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯗﺭ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻳﯘﺳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯜﺳﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﮬﻪﻣﺠﯩﻨﯩﺴﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﺸﻘﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘﺗﻘﺎ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻧﺴﻪ ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﻛﯘﭘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ … ﯞﻩﮬﺎﻛﺎﺯﺍ …

ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﯜﺯﯛﻡ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯘ ﺗﯜﺯﯛﻡ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﻰ ﺷﯘ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﻼﭖ ، ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺯﻭﺭ ﺧﺮﯨﺴﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺵ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﯘﻗﯘﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﺎﺑﺎﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ( AIDS: Acquired Immunodeficiency Syndrome ) ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﻣﯩﺰ. 1981- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﺧﺘﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﯩﺘﻰ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ – ﺗﻮﻻ ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر