• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھالقىلىق بىلىملەرنى ئىگەللىۋېلىڭ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

ئاممىۋىي سەھىيە ۋە ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى ئورگان سالونى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز كېسىلى زىيانلىق دەڒىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV ۋىرۇسى) دىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. HIV بولسا ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر خىل ۋىرۇس. ئۇ ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان CD4T لىمفا ھۈجەيرىسىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، بۇ ھۈجەيرىگە قاڒىتا زوڒ دەڒىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ. شۇڭا يۇقۇملانغۇچى ناھايىتى ئاسانلا ھەڒ خىل كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىپ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. HIV ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن دەۋرى ئادەتتە 8-9 يىل بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە رەسمىي گىرىپتار بولۇشىدىن بۇڒۇن، تۇڒمۇش ۋە خىزمەت جەڒيانىدا كۆپ يىل ھېچقانداق ئالامەت كۆڒۈلمەسلىكى مۇمكىن.

ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئادەتتە خېلى كۆپ ئاڭلايمىز. مىكرو بىلوگنى ئېچىپ ئاۋات ئىزدەشنى باسقاندا ئەيدىز كېسىلى خەتكۈچىنىڭ خېلىلا ئالدىدا ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغۇچىلاڒمۇ ئوخشاشلا ئەيدىز كسىلىنىڭ ڗىينىغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر. ئۇلارمۇ چۈشۈنۈشكە ۋە كۆيۈنۈشكە موھتاج. لېكىن ئەيدىز كېسىلىنى قەستەن يۇقتۇڒۇش ئىنسانىي ئەخلاققا زىت بولۇپلا قالماستىن يەنە قانۇنىي مەسئۇلىيەتكە تاڒتىلىدىغان قىلمىشتۇر.

بۇ يەردە مەن بەك كۆپ سۆزلەپ ئولتۇڒمايمەن، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە ئۆڗىگە چۇشلۇق جاۋابى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىش، ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى قوغداش كېرەك!

 

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئەيدىز كېسىلى دىگەن نېمە؟

ئەيدىز ېېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئىممۇنىتېت كەمچىللىك يىغىندى كېسىلى قىسقارتىلىپ AIDS دېيىلىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمچىللىك ۋىرۇسى (HIV) تەرىپىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يامان سۈپەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك.

 

ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش جەريانى

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش

بىرىنچى باسقۇچ: يوشۇرۇن دەۋرى نەچچە ئايدىن نەچچە يىلغىچە بولىدۇ. ۋاقتىنچە ئالامىتى كۆڒۈلمەيدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ: ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش.

ئۈچىنچى باسقۇچ: ئەيدىز ېېسىلىگە گىرىپتار بولۇش. ئىممۇنىتېت كەمچىللىكى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ.

 

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىكى ئالامەتلەر

يۇقۇملىنىپ ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە ھېچقانداق ئالامەت كۆڒۈلمەسلىكى مۇمكىن. ياكى قىززىش، باش ئاغرىش، تەمرەتكە ياكى گال ئاغرىش قاتاڒلىق ئالامەتلەر كۆڒۈلىدۇ.

يۇقۇملىنىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ لىمفا تۈگۈنى يوغىناش، ئوڒۇقلاش، قىززىش، ئىچ سۈرۈش ۋە يۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. داۋالاتمىسا تۇبېركىليۇز، يوشۇرۇن شارسىمان مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە راك كېسىلى (لىمفا ئۆسمىسى ۋە كاپوسى گۆش ئۆسمىسى) قاتارلىق خەتەڒلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.

HIV ۋىرۇسى تۆۊەندىكى يوللاردىن تارقىلىدۇ:

1. جىنسىي مۇناسىۋەت

2. ئانىدىن بالىغا

3. قان ئارقىلىق يۇقۇش

لېكىن بۇ يوللار ئاڒقىلىق يۇقمايدۇ

1. سۆيۈشۈش

2. پاشا چېقىش

3. ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ چۈشكۈرۈش، يۆتىلىشى.

 

بۇلارغا دىققەت قىلغاندا ئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ:

1. ئۆزىڭىزنى پاك تۇتۇپ جۆرىسىگە سادىق بولۇش. ئەخلاقلىق-ھايالىق بولۇش.

2. گاندوننى توغرا ئىشلىتىش. ئۈزۈك سېلىش ياكى تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلىش قاتارلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.

3. زەھەڒدىن يىراق تۇرۇپ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش.

4. جىنسىي كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالاپ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىش.

5. بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان ئىشپىرىسنى ئىشلىتىش ۋە ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش.

6. ھامىلدار ئاياللاڒدىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار تىببىي تەدبىرلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ بالىغا يۇقۇشتىن ساقلىنىش.

 

ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ بولغان بولسا....

دەسلەپكى باسقۇچتىكى بىمارلار: ئاكتىپلىق بىلەن تەكشۈرۈتۈپ، بالدۇر داۋالاش. كېسەلنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش.

ئاخىرقى باسقۇچتىكى بىمارلار: مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ياخشى كونترول قىلىپ، ۋىرۇسقا قاڒشى داۋالاشنى ئېلىپ بېرىش.

 

ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا بىر قىسىم خاتا چۈشەنچىلەر

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلسىلا جەزمەن ئەيدىزكېسىلى بولامدۇ؟

ئەيدىز ۋ ىرۇسى ئادەم بەدىنىدىكى CD4 مۇسبىي ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ۋىرۇس. بۇ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قاڒشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەگەڒ توغرا ئۇسۇلدا داۋالىيالىسا بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ نەچچە ئون يىل ئۆتسىمۇ، ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلماسلىقى مۇمكىن.

 

ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولسا پەقەت نەچچە يىللا ياشىيالامدۇ؟

كۆپلىگەن كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، يەنە خېلى كۆپ يىل ياشىيالايدۇ، ھەمدە نورمال ياكى ئاساسەن نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

 

ئەيدىز بىمارى بىلەن بىللە غىزالىنىشتىن كېسەل يۇقامدۇ؟

نورمال ئادەملەر بىلەن ئەيدىز بىماڒى ياكى ئەيدىز يۇقۇمدارى كۈندىلىك نورمال ئۇچرىشىشتا، مەسىلەن قۇچاقلىشىش، قول ئېلىشىپ كۆڒۈشۈش، بىرگە غىزالىنىش، ھاجەتخانىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، بىرگە يۇيۇنۇش، سۇ ئۈزۈش قاتاڒلىقلاڒدا كېسەل يۇقمايدۇ.

ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋالدا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يېمەكلىك چايناپ بالىغا يېگۈزگەندە نەرىرىيە جەھەتتىن يۇقۇملىنىش كۆڒۈلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشپرىسنى ئوڒتاق ئىشلىتىش سەۋەپلىكمۇ يۇقۇملىنىش كۆڒۈلىدۇ.

 

ئەيدىز يۇقۇمدارى ياكى ئەيدىز بىمارى پەرزەنت كۆڒگەندە چوقۇم بالىغا يۇقىدۇ دېيىشكە بولامدۇ؟

ئەيدىز يۇقۇمدارى بولغان ئاياللار ھامىلدارلىق مەڗگىلدە ياكى بوشۇنۇش ۋاقتىدا بالىشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن توغرا بولغان داۋالاش ۋە پەرۋىش ئاڒقىلىق بۇ خەتەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئايال دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ بوۋاققا ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر