ئەيدىز كېسىلى بىمارىنىڭ موتسىكلىتىغا ئاگاھلاندۇرۇش يېزىلدى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئاخبارات تورى | ۋاقتى: 2011/10/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئابلىكىم | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

9-ئاينىڭ28- كۆنى، چىڭدۇ  شەھىرىدە  ئولتۇرۇشلۇق بىر  ئەيدىز بىمارى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئالتە يىلدىن بىرى ساقلاپ كەلگەن مەخپىيەتلىكى بىر قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن ئىھتىياتسىزلىقتىن ئېچىپ تاشلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى تىنچ ئائىلىسىدە بوران چاپقۇنلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. 

بۇ ئائىلە ئەسلىدە بۇ شەھەردىكى باشقا ئائىلىلەرگە ئوخشاش تىنچ كۈن ئۆتكۈزىدىغان نورمال ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇرۇنقى تىنچلىق خۇددى يەرگە چۈشكەن ئەينەكتەك تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز ئىچىدە ئاخىرلاشتى. 9-ئاينىڭ  28-كۈنى، قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭ ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتىنى توسۇۋالغان. ئۇ قاتناش ساقچىسىغا ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن  قاتناش ساقچىسى ئۇنى قويۇۋېتىشكە ماقۇل بولغان، لېكىن ئۇنىڭ موتسىكلىتىغا «ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، يېقىنلاشماڭ!» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ قويغان.

بۇ ئىشقا نىسبەتەن قاتناش ساقچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى قوغداش ئۈچۈن بولۇپ، «مەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن، بۇ خەتلەرنى يېزىپ قويۇشۇممۇ باشقا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى توسۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى » دەيدۇ.

9-ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 10:30 ئەتراپىدا، توكلۇق ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ھەيدەيدىغان جاڭ شىياۋ چىڭدۇ شەھىرىنىڭ جۈلې يولىدا توسۇۋېلىندى. چۈنكى چىڭدۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر رايۇنىدا قانۇنسىز ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتلارنىڭ كىرا توشۇشىنى چەكلىگەن ئىدى. ئۇنى توسۇۋالغان قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭ موتسىكلىتىنى 2-ئايلانما يول جەنۇبى 4-بۆلەكتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا سۆرەپ ئاپاردى.


جاڭ شىياۋنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قاتناش ساقچىسى بىلەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا بارغاندا قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسەتكەن. قاتناش ساقچىسى ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن قويۇۋېتىشكە ماقۇل بولغان.

جاڭ شىياۋ «ئۇ ماڭا تالون كېسىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىر چاقنىڭ يىلىنى چىقىرىۋېتىپ موتسىكلىتنى ئىتترىپ كەتكىن دەپ ۋارقىرىدى.» دېدى. جاڭ شىياۋ ئۇ ۋاقىتتا ئۇنچە كۆپ ئويلانمايلا، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە چاقنىڭ يىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن موتسىكلىتنى ئىتتىرىپ بەيخۇا غەربى كوچىسىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن.

جاڭ شىياۋ «ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە ئىشىككە قارايدىغان ئايال مەندىن "موتسىكلىتىڭىزنىڭ ئارقىسىغا نىمىلەرنى يېزىۋالدىڭىز" دەپ سورىدى. موتسىكلىتنى توختىتىپ ئۇ خەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن كاللام قوپقۇرۇق بولۇپ قالدى.»> دېدى.

ئۇ يولدا كەلگۈچە نۇرغۇن ئادەم ئۇ خەتلەرنى كۆرگەن، بۇ خەۋەر خۇددى قانات چىقارغاندەك ئۇ تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايۇنىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇقۇپ كەتكەن.

ئۇنداقتا، بۇ سىر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، قانداق ئىشلار يۈز بەرگەندۇ؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر