• يېڭى ماقالىلەر

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ( 2003-2004)

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ | ۋاقتى: 2011/07/31 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: يۈكسەل | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ  ئەيدىزﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ – ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ  ئەيدىزﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ – ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ 2003 – ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2004 – ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻣﯩﺰ :

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﻰ

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 4 ﺧﯩﻞ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
1. ﺯﻩﮬﻪﺭ ( ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ، ﻧﻪﺷﻪ، ﻛﻮﻛﺎﻳﯩﻦ، ﺧﯩﺮﻭﺋﯩﻦ ) ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ
2. ﺟﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
3. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﻮﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ 13 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
4. ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ

 

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ

1. ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ

ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺗﺎﺷﻼﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 99 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ – ﻛﻮﻣﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻗﻼﺭ 301 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ 351 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ 49 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻳﯧﺸﻰ8. 38 ﻳﺎﺵ، ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻰ 83، ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ. ﺧﻪﻧﺰﯗ 28 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 369 ﻧﻪﭘﻪﺭ (% 25. 92 ).
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ 111 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ 102 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 22 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯘﺭﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﺭ 10 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 253 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 147 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
306 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯔ ﺟﯚﺭﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 30 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺟﯚﺭﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﯩﻤﯘ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ 310 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ 95 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ  ئەيدىز ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ؛ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ 90 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 2 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ  ئەيدىز ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ئەيدىز ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ %70ﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .

2. ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻼﺭﺩﯨﻦ 300 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 33 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﺍ، 175 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﯜﺗﯜﺵ، ﮬﻮﺭﺩﺍﻗﺨﺎﻧﺎ، ﻗﺎﯞﺍﻕ، ﻛﺎﺭﺍ ﺋﻮﻛﯧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ، 92 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﺎ، ﭘﻪﺭﺩﺍﺯﺧﺎﻧﺎ، ﭘﯘﺕ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﻛﻮﭼﺎ – ﻛﻮﺗﺎﯓ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ، ﭼﻮﯕﻰ 45 ﻳﺎﺵ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ 3. 24 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 205 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 87 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ 8 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺑﯘ 300 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 2 ﻧﻪﭘﻪﺭ  ئەيدىز  ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 1 ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﭘﭽﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 167 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 27 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 86 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﭘﭽﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

3. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﻮﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ

ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﻰ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭ 244 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻝ 156 ﻧﻪﭘﻪﺭ. ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ 304 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ 81 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 235 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 159 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ 6 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ  ئەيدىز  ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺳﯩﻔﻠﯩﺴﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ 23 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

4. ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ

ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 802 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ، ﭼﻮﯕﻰ 40 ﻳﺎﺵ. ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ 760 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ 42 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 729 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 61 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ 12 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 1 ﻧﻪﭘﻪﺭ  ئەيدىز ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ  ئەيدىزﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ 70%ﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
—————-

ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ << ﺟﯘﯕﮕﻮ ئەيدىز ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ2005 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 10 – ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ 11 – ﺟﯩﻠﯩﺖ 5 – ﺳﺎﻥ 354 – ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر