مۇھەببەت ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتقاندا بۇ جان ئالغۇچى جىنسىي كېسەللەردىن ئاگاھ بولۇڭ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/08/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللەر تىلغا ئېلىنسا، كىشى ئىختىيارسىز ھەرقايسى چوڭ تېببىي سۇپىلارنى ئىگىلەپ كەتكەن سۆزنەك، سىفىلىس قاتارلىقلارنى ئەسكە ئالىمىز، ئەمما جىنسىي يولدىن تارقىلىدىغان تۆت خىل يېڭى يۇقۇملۇق كېسەلمۇ پەيدىنپەي ئېغىر ئاممىۋى سەھىيە تەھدىتى بولۇپ قالدى.

1. مېڭە پەردە ياللۇغى نىسسېرىيا باكتېرىيەسى (Neisseria meningitidis)

مېڭە پەردە ياللۇغى نىسسېرىيا باكتېرىيەسى قىسقىچە مېڭە پەردە ياللۇغى شارسىمان باكتېرىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتى (داۋالىمىسا ئۆلۈش نىسبىتى %50كە يېتىدۇ) ۋە ئېغىر كېسەل ئاسارىتى قايتا قوزغىلىش نىسبىتى (%10تىن ئاشىدۇ) قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

بۈگۈنكى كۈندە، سۈيدۈك يولى سىستېمىسى يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى سەۋەبلىك ھەممە كىم بىلىدىغان بولۇپ كەتتى.

تەتقىقاتتا بايقىشىچە، تەخمىنەن %5تىن %10كىچە قورامىغا يەتكەن كىشىنىڭ بۇرنى ۋە گېلىدا مېڭە پەردە ياللۇغى نىسسېرىيا باكتېرىيەسى بار ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيۈشۈش ياكى باشقا يېقىن ئۇچرىشىشلار باكتېرىيەنى ھەمراھىغا يۇقتۇرۇپ قويىدىكەن.

گەرچە تەتقىقاتچىلار كونكرېت قايسى يول ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ياۋروپا، كانادا ۋە ئامېرىكا ئەر ھەمجىنىسلىرى ۋە قوش جىنىسلىق ئەر ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدا يامراپ كەتكەنلىكىنى تېخى جەزىملەشتۈرەلمىگەن؛ ئەمما مېڭە پەردە ياللۇغى نىسسېرىيا باكتېرىيەسى پەيدا قىلغان سۈيدۈك يولى ياللۇغى تەتقىقاتىدە ئىپادىلىنىشىچە، بىر گۇرۇپپا ئەر (ئىچىدە پەقەت بىرىلا يات جىنىسلىق ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىرى) بىردەك ئېغىزدىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق مېڭە پەردە ياللۇغى نىسسېرىيا باكتېرىيەسىنى يۇقتۇرۇۋالغان.

نۆۋەتتە ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. داۋالاشتا ئالدى بىلەن ئىشلىتىدىغان دورا چىڭمېيسۇ، مىقدارى كۆپ بولۇشى كېرەك. چىڭمېيسۇ رېئاكسىيە قىلىدىغانلار لۈمېيسۇ ياكى خوڭمېيسۇ ئىشلەتسە بولىدۇ.

2. كۆپىيىش ئەزاسى مىكوپلازمىسى

مىكوپلازما نۆۋەتتىكى ئەڭ كىچىك باكتېرىيەلەرنىڭ بىرى، جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەل پەيدا قىلىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بايقالغان. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتى %1~%2، بۇ خىل يۇقۇملىنىش ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار ئارىسىدا دائىم كۆرۈلىدۇ.

مىكوپلازما يۇقۇملىنىشىدا ئادەتتە كۆرۈنەرلىك ئالامەت يوق، ئەمما تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ:

ئەرلەردە: سۈيدۈك يولى ئاجراتمىسى چىقىش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، سىيىش قىيىنلىشىش.

ئاياللاردا: سۈيدۈك يولى ئاجراتمىلىرى كۆپىيىش، سۈيدۈك يولى بىلەن بالياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسىگە قان تولۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاغرىش.

يەنە ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى داس بوشلۇقى ياللۇغى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تۇغماسلىق، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھەتتا ئۆلۈم ھامىلە بىلەنمۇ ئالاقىدار بولىدۇ.

ياخشى يېرى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى مىكوپلازمىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئەمما بەزى تەتقىقاتچىلار ئاگاھلاندۇرۇپ، مىكوپلازمىنىڭ ئانتىبىيوتىك دورىلارغا چىدامچانلىقى كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مىكوپلازمىدىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرىدا داۋالاش تەس بولۇشنىڭ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

3. شىگېلىيە فلىنېرى باكتېرىيەسى (Shigella flexneri)

باكتېرىيەلىك كېسەل پەيدا قىلىدۇ، بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل، تارقىلىش مەنبەسى ئاساسلىقى بىمار ۋە باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگۈچى، دىزېنتېرىيە تاياقچە باكتېرىيەسى بار يېمەكلىك، سۇ ئارقىلىق ئېغىزدىن يۇقىدۇ.

ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە، بۇ خىل كېسەل دائىم بالىلار ھەمدە ساياھەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما تەتقىقاتچىلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىلا ھەمجىنىسلار مۇھەببىتى ۋە قوش جىنىسلىق ئەرلەر مۇھەببىتىدىن شىگېلىيە فلىنېرى باكتېرىيەسى يۇققانلىق ئەھۋالىنى خاتىرىلىگەن. 2007-يىلى شىمالىي ئامېرىكىدا تور ئىجتىمائىي ئالاقە قورالىدىكى كىشىلەر توپىدا شىگېلىيە فلىنېرى باكتېرىيەسى يۇقۇملىنىشى يامرىغان ئىدى. 2009-يىلدىن باشلان ئەنگلىيەدە تور ئىجتىمائىي ئالاقە قورالىدىكى كىشىلەر توپىدا شىگېلىيە فلىنېرى باكتېرىيەسى يۇقۇمى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مەقئەت، ئېغىز شىگېلىيە فلىنېرى باكتېرىيەسىنىڭ يېقى يۇقۇش يولى بولۇپ قالغان.

4. جىنسىي كېسەل: لىمفا گۆش بىخى ئۆسمىسى

لىمفا گۆش بىخى ئۆسمىسى خلامىدىيە پەيدا قىلغان جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەل، يەنە تۆتىنچى جىنسىي كېسەل، كىلاسسىك جىنسىي كېسەللەرنىڭ بىرى. ئۆتكەن 10 يىلدا، لىمفا گۆش بىخى ئۆسمىسى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا بارغانسېرى ئومۇملاشقان، ھەمجىنىسلار ۋە قوش جىنسلىق مۇھەببەتلەشكەن ئەرلەردە دائىم كۆرۈلەتتى. جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتسە يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

لىمفا گۆش بىخى ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپىيىش ئەزاسى قىچىشىش، كىچىك سۇلۇق قاپارتما ياكى جاراھەت پەيدا بولىدۇ، داۋالىغاندىن كېيىن تارتۇق قالمايدۇ. ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋىرۇسى ھۇجۇمىدا ئادەم لىمفا سىستېمىسىغا كىرىپ، چات يېرىقى لىمفا تۈگىنى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاخىرقى مەزگىلدە پىل تاپان ئىشىقى ۋە تۈز ئۈچەي تارىيىش پەيدا قىلىدۇ.

يۇقۇملانغاندىن كېيىن دەرھال داۋالىمىسا ئالاقىدار كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى بالدۇر داۋالاش، قېلىپلاشتۇرۇلىشى يېتەرلىك بولۇش، جىنسىي ھەمراھ بىلەن تەڭ داۋالىنىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر