• يېڭى ماقالىلەر

ئامېرىكا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى 10 يىل ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇش نىشانىنى بېكىتتى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/08/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

2019-يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنى سۆزلىگەندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ ھۆكۈمەتنى بىر تۈرلۈك داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش پىلانىنى قانات يايدۇرۇپ، 10 يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى يوقىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئۇ: ئىلىم-پەننىڭ بۆسۈشى يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. بىز ئامېرىكا ھەمدە باشقا رايونلاردىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈستىدىن بىرلىكتە غالىپ كېلىشىمىز كېرەك، دېدى. بۇ پىلاننىڭ نىشانى ئەيدىز ۋىرۇسى، ئەيدىز كېسىلى ئەمەس.
 


ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش: ئامېرىكا ئالدىنقى بەش يىلدا ئەيدىز كېسىلىدىن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانىنى %75 ئازايتىش، 10 يىل ئىچىدە %90 ئازايتىش بولغان نىشاننى پىلانلىدى. تۈرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىزىق نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتىلغان، ھەر يىلىدىكى تەخمىنەن 40 مىڭ يېڭى كېسەلدە تەخمىنەن يېرىمى بۇ رايونلاردا يۈز بېرىدۇ: 48 ناھىيە شەھەر مەركىزى، ۋاشىنگتون ئىشتاتى ۋە ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونى، پوئېرتېرىكودىكى سان خۇئەن ھەمدە يەتتە ئاساسلىق جەنۇب ئىشتاتلىرىدىكى يېزا رايونلىرى قاتارلىقلار. تۈردە يەنە يۇقىرى خەتەردىكى كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئەرلەر ھەمجىنىسلىق قىلمىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپ قارا تەنلىكلەر، ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە لاتىن ئامېرىكىسى پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار، ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ھەمدە ئالياسكادىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئانتونىي فوسى (Anthony Fauci) بىز ئىگە بولغان قوراللارنى ئىشلىتىش دېگەن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىدى، ئۇ 1984-يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئامېرىكا دۆلەتلىك رېئاكسىيە خاراكتېرىدىكى كېسەللەر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەر تەتقىقات ئورگىنىغا رەھبەرلىك قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ ئوپېراتسىيە پىچىقى ژۇرنىلىغا: 1996-يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىمىز ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى ھەمدە تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىدى. ئەمما يېقىنقى نەچچە يىلدا ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋىرۇس سەۋىيەسى تەكشۈرگىلى بولىدىغان سەۋىيەدىن تۆۋەن بولسا، ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغا ھەرگىز يۇقتۇرۇپ قويمايدىغانلىقى ئېنىق بولدى، دېدى.

ئۇ يەنە تولۇقلاپ، ئەگەر قانۇنىيەتلىك ھالدا يۇقۇشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش (PrEP) دورىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلسا، ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %97 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن سىز ئەتىلا ئەيدىز يۇقۇمىنى ئاخىرلاشتۇرالايسىز، دېدى.

ئامېرىكا سەھىيە ھەمدە ئىنسانلار مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى بۆلۈم باشلىقى برېت گىرويور (Brett Giroir) بىر قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا: بىز 2020-يىلدىكى خام چوتتا يېتەرلىك بايلىق تەمىنلەپ، بۇ ئىنتايىن ئاكتىپ پىلاننى باشلىشىمىزغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، دېدى. ئۇ يەنە پۇلنىڭ باشقا سەھىيە ۋە ئىنسانلار مۇلازىمىتى پىلانىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى دەلىلىدى. بۇ خىزمەتنى قوللايدىغان زور مىقداردىكى يېڭى بايلىق مەنبەسى بار، دېدى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى روبېتنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %87 يېڭى يۇقۇملانغۇچى توغرا دىياگنوز قويۇشقا ئېرىشەلمىگەن ياكى دوختۇر ۋە باشقا سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى تەمىنلىگۈچىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىگەن يۇقۇمدارنىڭ تارقىتىشىدىن پەيدا بولغان. بۇلتۇر دىياگنوز قويۇلغان بىماردا، يېرىمى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغىلى ئاز دېگەندە ئۈچ يىل بولغان، %25 ئادەمنىڭ يۇقۇملانغىنىغا ئاز دېگەندە يەتتە يىل بولغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر