• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى داۋالىنىش رەت قىلىنىش مەسىلىسىنى قانداق يېڭىشى كېرەك؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/08/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەيدىز بىمارلىرى كېسەل كۆرسەتكەندە رەت قىلىنىش خەۋەرلىرىنى پات-پات كۆرۈپ تۇرىمىز. بىر تەتەرەپتىن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇلىشى ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇمدارلارنىڭ داۋالىنىش ئەندىشىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. بىر ئەيدىز بىمارى ئىلگىرى: مېنىڭ ئەڭ چوڭ مەنىۋى يۈكۈم دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، ئۆزەمنىڭ يۇقۇمدار ئىكەنلىكىمنى ئاكتىپ دېيشىشم كېرەكمۇ يوق بىلمەيمەن، دوختۇر بىلەنگەندىن كېيىن مېنى داۋالىماسلىقىدىن قورقىمەن، دېگەن.

مەن يېقىندىلا بىر ئىستاتىستىكا قىلدىم، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە سالونىمىز داۋالىنىش رەت قىلىنىش ئىشىدىن 205 پارچە تاپشۇرۇۋاپتۇ.


بۈگۈن ئەتىگەن بىر بىمار ئىشخانامغا كېلىپتۇ، بۇ بىمارغا بەش يىل بولغان، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، بۇلتۇر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن سىرتتىكى بىر كارخانا تەكلىپ قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۈلۈشكۈن رەھبەرلەرگە خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە ئاۋازى ئېنىق چىقمىغان، رەھبەرلەرنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن، مېڭىسىنى CTغا سالدۇرغاندا يېنىك مېڭە توسۇلۇش بارلىقى بايقالغان، دوختۇرخانا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان. دوختۇرخانىدا يېتىشنى ئاڭلاپلا بۇ بىمار قورقۇپ داۋالىنىش سۇغۇرتام جىنەندە، جىنەنگە قايتىپ داۋالىنىمەن دەپ تۇرۇۋالغان.

ئەمما جىنەنگە قايتقاندىن كېيىن يەنىلا قانداق داۋالىنىشنى بىلمىگەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، دوختۇرخانىدا ياتسا %95تىن يۇقىرى ئاتچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەمما...دوختۇرخانىغا كىرىپ تەكشۈرتۈشتە چوقۇم HIV تەكشۈرتىشى قىلىشى كېرەك، بىرى رەت قىلىنىشتىن ئەنسىرەپ، ئىككىنچىدىن مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن، چۈنكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىدا تونۇشلىرى كۆپ ئىكەن.

دۆلەتنىڭ تۆتنى كەچۈرۈم قىلىپ بىردە غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئەيدىز كېسىلىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىلىق دوختۇرخانىسى قاتارلىق كۆپلىگەن تۈزۈملەردە، HIV يۇقۇمدارلىرى ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ۋە ئاساسىي تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئەمما HIV يۇقۇمدارلىرىنىڭ بايانى، ئاشكارا خەۋەرلەر ۋە كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا بايقىشىچە، HIV يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپلىگەن باشقا ئاساسىي ساغلاملىق ئېھتىياجى ھەقىقىي داۋالاش سورۇنلىرىدا ھەمىشە قولايلىق، ئوڭۇشلۇق ھالدا قانائەتلىنىشكە ئېرىشىشكە ئامالسىز ئىكەن، بولۇپمۇ تاشقى كېسەللەر ئوپېراتسىيەسى، ئارىلىشىش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق دوختۇرخاندا ھەمدە غەيرىي نۇقتىلىق دوختۇرخانا ئارىسىدا يۆتكىلىش ھەمدە نۇقتىلىق دوختۇرخانىدا يۇقۇمدارلارغا ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار بولمىغان كەسپىي داۋالاش ئىقتىدارىنى تەمىنلەشكە ئامالسىز ئىكەن.

بۇ ھادىسەىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاۋارىچىلىقى ناھايىتى مۇرەككەپ، داۋالاشنى رەت قىلىش ئاساسى كۆپ خىل بولۇپ:

1.دوختۇرخانا نۇقتىلىق دوختۇرخانا ئەمەس، يۇقۇمدار يۇقۇملۇق كېسەللەر مەخسۇس دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.

2.دوختۇرخانىنىڭ دېزىنفېكسىيە ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس.

3.دوختۇر داۋالىسا بولىدۇ، ئەمما سىستېرا، ئوپېراتسىيە ئۆيى قاتارلىق باشقا بۆلۈملەرنىڭ خادىملىرى ماسلىشالمايدۇ.

4.دوختۇرخانا يۇقۇمدارنى داۋالىغاندىن كېيىنكى ئەكس تەسىرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز.

5.داۋالاش خادىملىرى كەسپىي يۇقۇملىنىشتىن ئەنسىرەيدۇ.

6.دوختۇرخانىدا كارۋات يوق.

داۋالاشنى رەت قىلىش ئاساسلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى داۋالانماقچى بولغان دوختۇرخانا ئەيدىز كېسىلى نۇقتىلىق دوختۇرخانىسى ئەمەس.

ئىگىلىنىشچە، 1999-يىلى تۇنجې قېتىم داۋالاش ئورگانلىرى ئەيدىز بىمارلىرىنى رەت قىلسا بولمايدۇ دېگەن بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، 2006-يىلى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامنامىسى، ئاندىن 2013-يىلدىكى تۇنجى دىياگنوز قويۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتارلىقلارغىچە، دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن قانۇن بەلگىلىمىلىرىدە داۋالاشتىن باش تارتىش ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

بۈگۈنگە قەدەر ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامنامىسى يولغا قويۇلغىلى كۆپ يىل بولدى، ئەمما رېئاللىقتا ئەيدىز بىمارلىرى باشقا كېسەل سەۋەبلىك ئوپېراتسىيە قىلدۇرماقچى بولغاندا دائىم ھەممە ياققا چاپىدۇ، كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ داۋالىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلىك قىلىش تەس، يەنىلا دوختۇر يوق، دوختۇرخانا يوق بولۇشتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە.

بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق يېڭىش كېرەك؟

بىرىنچى: دوختۇر ئەڭ ئەنسىرەيدىغان كەسپىي يۇقۇملىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

ئىككىنچىسى: دوختۇرلاردا ئەيدىز كېسىلى بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

بىر تەرەپدىن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلى يۇقۇش ۋە داۋالاش ئۈنۈمى جەھەتتىكى ئىلىم-پەن ئىلگىرىلەشلىرى، ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇچراشقاندىن كېيىنكى يۇقۇشنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش شەكلىنى بىلىش دەرىجىسى، قوبۇل قىلىش دەرىجىسى تېخى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپلىگەن داۋالاش خادىملىرىنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشىسى تولۇق مۇزاكىرە قىلىنمىدى ۋە ئۈنۈملۈك تولۇقلىما بېرىلمىدى، داۋالاش خادىملىرىغا كەسپىي يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار پىسخىك مەسلىھەت قوللاش سىستېمىسى تېخى قۇرۇلمىدى، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىز كېسىلى ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا يۈزلەنگەندە يەنىلا ۋەھىمىگە چۈشىدۇ، بۇ جەھەتتە تولۇقلىما مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئۈچىنچى: بىمارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى، ئالاقە ئىقتىدارى ۋە پىسخىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ئەيدىز يۇقۇمدارى ھەمدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شەخسىي ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش پەيتى، شەكلى ھەمدە دوختۇرخانا بىلەن بىمارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ماسلاشتۇرۇش شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا نىسبەتەن يۇقىرى كۆتۈرۈش بوشلۇقى بار. دوختۇرخانىنىڭ رەت قىلىش سەۋەبىگە قارىتا شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى، پاكىت ئاساس كۆرسىتىشى، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتماسلىقى كېرەك.


تۆتىنچى: بىر قىسىم ئەپچىل چارىلەر:

1.ھېسداشلىق: دوختۇرمۇ ئادەم، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسى ۋە قورقۇنۇچىنى چۈشىنىپ، بىلىمىڭىز ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئەندىشىسى ۋە ۋەھىمىسىنى ئازايتىشىڭىز، بىلىمنىڭ كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك.

2.قايسى دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىش: ئادەتتە داڭلىق دوختۇرنىڭ داڭقى بىكارغا چىقمايدۇ، نىسپىي ئېيتقاندا ئۆگىنىشكە، ئالاقىگە ماھىر، يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ، مېھرىبان ھەمدە ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچىگە ئېتىبار بېرىدۇ.

3.ئالاقە ماھارىتى: دوختۇر چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلىش ياكى چوقۇم دوختۇرخانىدا يېتىشنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن بىرىنچى قەدەم ئاخىرلىشىدۇ. دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن ئەتىسى چۈشكىچە نەتىجىسى چىققۇچە دوختۇرغا يۇقۇم ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىپ، ۋىرۇس مىقدارىڭىزنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى، يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقىڭىزنى نۆلگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى داۋالاشتا باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويمايدىغانلىقىڭىزنى دېسىڭىز بولىدۇ. بۇ بىلىمنى ئادەتتىكى دوختۇرلار بىلمەيدۇ، ئۆزىڭىز بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كېرەك ھەمدە دوختۇردىن مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىشىڭىز كېرەك.

4.ئەرز قىلىش ماھارىيىتى: ئەگەر يەنىلا رەت قىلىنسىڭىز داۋالاش بۆلۈمى ياكى دوختۇرخانا ئىچىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىنى تېپىپ كېلىشسىڭىز بولىدۇ، كېلىشەلمىسىڭىز سەھىيە ئىدارىسىغا ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ، بىر تەرەپتىن ئەرز قىلىپ، بىر تەرەپتىن باشقا دوختۇرخانا تاپقاچ تۇرۇڭ، داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ قويماڭ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر