• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز بولسا قانچىلىك ياشىغىلى بولىدۇ؟ مۇتەخەسسىس: دورا يېيىشنى داۋاملاشتۇرساق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيمىز

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/08/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز كېسىلى يۇقۇشچانلىقى يۇقىرى كېسەل، نۆۋەتتىكى داۋالاش تېخنىكىسى ئىنتايىن ئىلغار بولسىمۇ، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش يەنىلا قىيىن مەسىلە، بۇ ماقالىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامىتى ھەمدە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشقا ئالاقىدار بىر قىسىم بىلىملەرنى تونۇشتۇرىمىز.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى بالدۇر بىلىش:

ئالدى بىلەن، ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى قايسىلار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ باقايلى.

بىرىنچى: لىمفا تۈگۈنى ئىشىيدۇ

چۈنكى ئەيدىز كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان لىمفا تۈگۈنى ئىشىغان بىمارلاردا ئاساسلىق ئىپادىسى مىس يارماق چوڭلۇقىدىكى قاتتىق بەز بولىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى قولتۇق ئاستىغا، بويۇن ئارقىسىغا ھەمدە قورساق يېرىق رايونى قىسىمى بولىدۇ، بۇ ئىشىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاغرىمايدۇ ھەم قىچىشمايدۇ، ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدۇ، بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ نىسبەتەن تىپىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، بىراق بەزى ئەھۋاللاردا بەزىلەردە ئىسسىقى ئېشىپ ياللۇغلىنىپ قالسىمۇ لىمفا تۈگۈنى ئىشىۋېلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

ئىككىنچى: قىچىشىش

ئەيدىز كېسىلى تېرە قىچىشىشنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل تېرە قىچىشىشنىڭ باشقا ئەھۋاللار سەۋەبلىك پەيدا بولغان تېرە قىچىشىش بىلەن پەرقى يوق، پەرقى بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن ھەمدە قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. گەرچە تېرە قىچىشىش تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان تېرە كېسىلى دېسەكمۇ، چۈنكى يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىش، دورا رېئاكسىيە قىلىش قاتارلىقلارمۇ پەيدا قىلىدۇ، كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا قىسقا مەزگىل ئىچىدە يوقايدۇ، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئۇنداقتا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئۈچىنچى: زۇكام

ئەيدىز بىمارلىرىدا %90تىن كۆپرەكىدە ئۇدا داۋاملاشقان قىزىش كۆرۈلىدۇ، قىزىشنىڭ ۋاقتى بىر ھەپتىگە يېتىشى ھەمدە بىمار ئاساسىي جەھەتتىن 38 گىرادۇستىن يۇقىرى قىزىشى مۇمكىن، بىراق بۇنداق ئەھۋالنى ئادەتتىكى زۇكامداپ قىزىپ قېلىش بىلەن ئايرىش ناھايىتى تەس.

تۆتىنچى: ھەزىم قىلىش يولى ياللۇغى

ئەيدىز كېسىلى يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە قانلىق تەرەت قىلىش كۆرۈلىدۇ، ئەيدىز كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ئالامەتلەر ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش دورىسى يېگەندىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولمايدۇ.

بەشىنچى: ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بىماردا يەنە چىش ئەتراپى ياللۇغى، چىش مىلىكى ياللۇغى ھەمدە ئېغىز بوشلۇقى جاراھىتى قاتارلىقلار كۆرۈلىشى مۇمكىن، ئاز ساندىكى بىمارلاردا باكتېرىيەسىز مېڭە پەردە ياللۇغى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى ھەمدە مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار.

ئەيدىز كېسىلى كىملەرگە زىيان سالىدۇ؟

كۆپچىلىكنىڭ ئەيدىز ھەققىدە گەپ بولسىلا چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، كۆپىنچىسىنىڭ سەۋەبى ئەيدىز كېسىلىگە بولغان بىلىمىنىڭ كەمچىلىك بولغانلىقىدا، شۇڭا ئاندىن ئەيدىز كېسىلىدىن ۋەھىمە يېيىش پىسخىكى كۆرۈلىدۇ. مەيلى بىمارغا ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بولسۇن تۆۋەندىكىدەك زىيانلارنى سالىدۇ.

بىمارغا

ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ كېسىلى ناۋادا تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلى بولسا، بەدەن ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ، بىمار ئالدى بىلەن جىسمانىي جەھەتتە غايەت زور ئازابقا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ئەيدىز بىمارى يەنە غايەت زور پىسخىك بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، جەمئىيەتتە ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش مەۋجۇت، بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە بىمارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.

ئائىلىگە

ھازىر جەمئىيەتتە ئەيدىز بىمارلىرىنى يەنىلا كەمسىتىدۇ، بۇ خىل كەمسىتىش بىمارنىڭ ئۆزگىلا ئەمەس، يەنە ئائىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئائىلىدىكىلەرمۇ بەلگىلىك يۈكنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم بۇ سەۋەبلىك ئاسانلا ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەيدىز بىمارلىرى يەنە ئائىلىگە زور ئىقتىسادىي يۈك بولۇپ قالىدۇ، نېمىلا بولمىسۇن ئەيدىز كېسىلىدە قىممەت داۋالىنىش ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئەيدىز كېسىلى بولسا قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟ قەتئىي دورا يېسە ئۈمىد بار

پايتەخت تېببىي داشۆ قارمىقىدىكى بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسىنىڭ دورا بۆلۈمىنىڭ دورىگىرى جۇ كوڭسەي، مېڭ ۋېنشۇاڭلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز بىمار قانچىلىك ۋاقىت ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىدىكەن، بەش يىلمۇ ياكى 10 يىلمۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز بىمارى ۋىرۇسقا قارشى داۋالانسا، ئۆمۈرى كۆپچىلىكنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.

تەتقىقاتتا ئىپادىلىنىشچە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى بىمار ئەگەر ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالانسا، 14 يىل ئۇزۇن ياشىيالايدىكەن، بالدۇر بايقالغان ھەمدە داۋالاشنى داۋاملاشتۇرغانلار 40 يىل كۆپ ياشىيالايدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇۋاپىق ۋاقىتتا توغرا داۋالانسا، بىرلا ۋاقىتتا دورا يېيىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرسا، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرسا، ئەيدىز بىمارلىرىمۇ نورمال ئادەملەردەك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھەمدە ئەيدىزنىڭ يېڭى دورىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئەيدىز بىمارلىرى بىر يىل كۆپ ياشىسا، داۋالاپ ساقىيىشنىڭ ئۈمىد بىر ئۈلۈش كۆپىيىدۇ، چۈنكى بىمار ئىشەنچىسىنى ساقلىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر