• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا يېگەندىن كېيىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/08/31 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقىنى خاتىرجەم ساقلاڭ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتا يۇقمايدۇ

تاماق قاچىسى، ياتاق بۇيۇملىرى، تەرەتدان، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، قاتناش قوراللىرىنى تەڭ ئىشلىتىشتىن يۇقمايدۇ؛ تەڭ ئۆگىنىش ياكى خىزمەتتە يۇقمايدۇ؛ قۇچاقلىشىش ياكى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتە يۇقمايدۇ؛ مۇراسىم خاراكتېرلىك سۆيۈپ قويۇشتىن يۇقمايدۇ، پاشا چېقىۋالسا يۇقمايدۇ.


2. ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

ئائىلىدە بىر قىسىم دېزىنفېكسىيەلىگۈچلەر (مەسىلەن ئىسپىرت، ئاقارتقۇچ قاتارلىقلار)نى مۇۋاپىق تەييارلاپ قويۇش كېرەك؛ چىش چوتكىسى ۋە ساقال تىغىنى چوقۇم يالغۇز ئىشلىتىش كېرەك، باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ تېرە جاراھەتلەنگەندە ۋاقتىدا چاپلاش كېرەك؛ قېنىمىزدىن بۇلغانغان كىيىملەرنى ئاقارتقۇچقا چىلاپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن يەنە پاكىز يۇيۇش كېرەك.

3. جىنسىي تۇرمۇشتا بىخەتەر ۋە ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مۇۋاپىق شەكىلدە جۈپتى ياكى جىنسىي ھەمراھىغا يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش؛ جۈپتى ياكى جىنسىي ھەمراھى بىلەن بىخەتەر جىنسىي تۇرمۇشنى ساقلاپ قېلىشنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش؛ ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا پۈتۈن جەرياندا بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ كۆپىيىش يولى ياللۇغلانغان بولسا، ئامال بار مۇنتىزم داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ قېلىپلاشقان داۋالىنىش؛ جۈپتى ياكى جىنسىي ھەمراھىنى بالدۇر تەكشۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش؛ ۋىرۇس مىقدارى ئۇدا تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدىغان سەۋىيەدە بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەتتە يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولمايدۇ.

4. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش

ۋاقتىدا، بەلگىلىك مىقداردا ئاز يەپ كۆپ قېتىم غىزالىنىش كېرەك؛ يېنىك ۋە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك؛ ھەر كۈنى يېتەرلىك ئېنېرگىيەدىكى يېمەكلىك يېيىش؛ ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردا ئاقسىل تولۇقلاش (پۇرچاق يېمەكلىكلىرى، بېلىق، راك، تۇخۇم ۋە گۆش تۈرىدىكىلەر)؛ يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى كۆپ يەپ بېرىش؛ كۆپ سۇ ئىچىش، خام سۇ ئىچمەسلىك، تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك.

5. بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش

بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش، تۈنىمەسلىك، مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش كېرەك، مەسىلەن سىرتتا پىيادە مېڭىش، يۈگۈرۈش، تاغقا چىقىش قاتارلىقلار، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش كېرەك. مۇۋاپىق چېنىقىش بىمارنىڭ كەيپىياتىنى يېنىكلىتىپ، تەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا جىددىيلەشكەن، خامۇش كەيپىياتى بوشايدۇ ۋە تەڭشىلىدۇ.

6. تاماكا تاشلاش، ھاراق ئىچمەسلىك

تاماكا تاشلاش، ئاز ھاراق ئىچىشنىڭ HIV يۇقۇمدارلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ پايدىسى بار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر