• يېڭى ماقالىلەر

ئەرلەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋىرۇس، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تىپتىكى ھۈجەيرىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ. ئامېرىكىدا ئاياللارغا قارىغاندا ئەر بىمارلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ.

تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ئۈنۈملۈك داۋالىنىش ئارقىلىق، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ساغلام تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇش خەتىرى بولمايدۇ.

بىز ئەرلەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالامەتلەر ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، قايسى چاغدا تەكشۈرتۈپ ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

ئەرلەرگە خاس ئالامەتلەر

ئەڭ دەسلەپكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئادەتتە ئەرلەرنىڭ مۇجمەل ۋە غەيرىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامىتىگە ئادەتتە بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ، دائىم خاتا ھالدا يۇقۇملۇق زۇكام ياكى باشقا يېنىك كېسەللەر دەپ قارىلىدۇ.

شۇڭا، ئەرلەر كېسەللىك ئەھۋالىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويۇشى ھەمدە داۋالىنىشنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، تاكى كېسەللىك ئېغىرلىشىپ كەتكەندە ئاندىن ھېس قىلىدۇ، بۇ چاغدا يۇقۇملىنىش ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئەرلەر ۋاقتىدا داۋالانماسلىقىدەك رېئاللىق ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

لېكىن، ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ شۇنداق بولۇشى ناتايىن. يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەردىن سىرت، بىر قىسىم ئەرلەردە دەسلەپكى مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىر كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىشى مۇمكىن، مەسىلەن: گومۇشلۇق، ئورۇقلاش، چارچاش قاتارلىقلار، ئاز ساندىكى ئەھۋالدا كېسەللىك ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىپ كېتىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكى

ئەيدىز ۋىرۇسى يۇققان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامىتى ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكى ئادەتتە ئەرلەردە ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. كىشىلەر ئاسانلا سەل چاغلاپ قالىدۇ ياكى خاتا ھالدا كىچىككىنە ساغلاملىق ئەھۋالى دەپ قاراپ قالىدۇ.

ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ نەچچە كۈندىن نەچچە ھەپتىگىچە ئەرلەردە يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ ئالامەتلەر: قىزىش، تېرە قىچىشىش، باش ئاغرىش، گال ئاغرىش، چارچاش

بەك كۆپ كۆرۈلمەيدىغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى HIV ئالامەتلىرى:

ئېغىز بوشلۇقى جاراھىتى، كۆپىيىش ئەزاسى قىچىشىش، كەچتە تەر چىقىش، كۆڭلى ئېلىشىش ياكى قۇسۇش، مۇسكۇللىرى ئېچىشىپ ئاغرىش، بوغۇملىرى ئاغىرش، لىمفا تۈگۈنى يوغىنىۋېلىش.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر