• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا يېگەندىن كېيىن قانداق بەدەن تەكشۈرتىمىز؟ نېمە تۈرلەرنى تەكشۈرتىمىز؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز كېسىلى بۇرۇنلا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ قالدى، ۋاقتىدا قېلىپلاشقان داۋالاش قىلسا 70 ياشقىچە، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشى مۇمكىن. ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىنىشىنى تىزگىلەيدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئەمما، ئۇزۇن مەزگىل ۋىرۇسقا قارشى دورا يېسە ئەكس تەسىرى كۆرۈلۈشى ياكى باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر (مەسىلەن قاندىكى ياغ، قاندىكى شېكەر، سۆڭەك زىچلىقى قاتارلىقلار بىنورمال بولۇش)گە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا يۇقۇمدارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەرەللىك تەكشۈرتۈش ئېغىر مەسىلەن يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ. مەسىلىنى بايقىغاندا ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى قوللىنىش ياكى مۇۋاپىق دورا يېيىش ياكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش لايىھەسىنى تەڭشەش ئارقىلىق مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىدۇ.



قەرەللىك بەدەن تەكشۈرۈتۈش

دورا يېيىشنى باشلىغاندىن كېيىنكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى ۋە بىمارى قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈپ، ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى ئىگىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

دورا يېيىشتىن بۇرۇنقى تەڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغان باشقا كېسەللەرنى تەكشۈرۈش: سىفىلىس، سوزنەك، خلامىدىيەلىك يۇقۇملىنىش، ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى، تۇبېركۇليۇز قاتارلىقلارنى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

دورا يېگەندىن كېيىن، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ بەدەندىكى ئەزالارغا سالغان زىيىنىنى ۋاقتىدا بايقاش ھەمدە تەن ساغلاملىق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن، قەرەللىك ھالدا بەدەن تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.

دورا تەكشۈرۈش ۋاقتى: دورا يېگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەكشۈرۈش نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ، 14 كۈن، 30 كۈن، 60 كۈن، 90 كۈن قاتارلىق تۆتكە ئايرىلىدۇ، 90 كۈندىن كېيىن ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتسە بولىدۇ؛ دورا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، يېڭى دورا بويىچە بەدەن تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئوخشىمىغان ۋىرۇسقا قارشى دورا گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش تۈرى ئاساسەن ئوخشاش، ئۆزگىرىش بەك چوڭ ئەمەس.

دوختۇرخانا تاللاشتا دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا ئالغىلى بولسا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك، چۈنكى تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولىدۇ؛ كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدە دوراش ئېلىشنى تاللاشتا ئۈچ ئا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانا بولۇش كېرەك، چۈنكى بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولىدۇ، تەكشۈرتۈشكە كېرەكلىك تۈرلەردە دوختۇر بىلەن پىكىل ئالماشتۇرالايسىز، يەرلىكتە نۇقتىلىق دوختۇرخانا بولمىغان تەقدىردىمۇ، مۇقىم دوختۇردا بەدەن تەكشۈرۈش مەسلىھەتى سوراش تەكلىپى بېرىمىز.

ۋىرۇس مىقدارى: دۆلەت دورا يەپ يېرىم يىلدىن كېيىنكى بىمارغا پەقەت ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز ۋىرۇس مىقدارى تەكشۈرۈش تەمىنلەيدۇ، داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىدۇ، ئادەتتە ۋىرۇس مىقدارى 2000دىن چوڭلارغا ھەقسىز دورىغا چىدامچانلىق تەكشۈرۈشى قىلىدۇ. شارائىتى بارلارغا يېرىم يىل داۋالانغاندىن كېيىن ئۆزى پۇل چىقىرىپ بىر قېتىم ۋىرۇس مىقدارى تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم CD4 ھۈجەيرە تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى سەۋىيەسىنى چۈشىنىپ، داۋالاش پەيتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. CD4 ئەگەر 500دىن چوڭ بولسا پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كىچىكلەيدۇ، تەۋرىنىشى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ، ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ چىقالماسلىق ئالتۇن ئۆلچەم.

ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ۋىرۇس مىقدارى تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇش كېرەك، شارائىتى بارلارغا ئىككى قېتىم قىلدۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى چۈشىنىش كېرەك. دورا يەپ يېرىم يىلدىن كېيىنكى بىمارغا ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز ۋىرۇس مىقدارى تەكشۈرۈش تەمىنلىنىدۇ، ئادەتتە ۋىرۇس مىقدارى 2000دىن چوڭ بولسا ھەقسىز دورىغا چىدامچانلىق تەكشۈرۈشى قىلىپ قويىدۇ.

بەدەن تەكشۈرتۈش ۋاقتى: دۆلەتنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش لايىھەسىدە 14 كۈن، 30 كۈن، 60 كۈن، 90 كۈن تۆت قېتىم قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، 90 كۈندىن كېيىن ئاشقاندا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىمىز؛ دورا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يېڭى دورا يېيىش بويىچە بەدەن تەكشۈرتىمىز، كونكرېت دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسىگە ئەمەل قىلىمىز.

دورا يەپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئەگەر ھەممە نورمال بولسا، ھەر ئۈچ ئايدا قان كۆرسەتكۈچى، جىگەر ئىقتىدارى، بۆرەك ئىقتىدارى، سۈيدۈك كۆرسەتكۈچى تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولسا يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتسە بولىدۇ؛ كونكرېت تەكشۈرۈش تۈرى ۋە ۋاقتىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك، كلىنىكا دوختۇرى سىزنىڭ كونكرېت ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن تەكشۈرۈش تۈرى ۋە قېتىم سانىنى كۆپەيتىدۇ ياكى ئازايتىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئاساسلىقى قان تەكشۈرۈش ۋە سۈيدۈك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىق نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت 11دىن كېيىن ھېچنېمە يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك تەكلىپى بېرىلىدۇ، قان ئېلىش تاماملانغاندىن كېيىن يېسەك ۋە ئىچسەك بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ كۆپىيىش ئەزايىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ، تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇڭ، بولمىسا سۈيدۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، زۆرۈرىيىتى بولمىغان خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم تۇبېركۇليۇز تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇشى كېرەك، تۇبېركۇليۇز كېسىلىدىن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە قارىشى داۋالاش قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەك، تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىنورمال تۈرگە قارىتا سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، دورىنى تەڭشەشكە تېگىشلىكىگە قارىتا دورا بېرىپ، دوختۇر بىلگەن ئەھۋالدا دورا يېيىش كېرەك ياكى قەرەللىك ھالدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك. بەدەندە بىئاراملىق كۆرۈلگەندە دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر