• يېڭى ماقالىلەر

قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى توغرا يېگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

HIV مۇسبەت ئىكەنلىكىگە دىياگنوز قويۇلغان دوكلاتنى ئالغاندىن كېيىن ھەمدە دورا يېيىشكە تەييارلانغان يىگىتلەر دائىم بىر مەسىلىگە يولۇقىدۇ: HIV ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى قانداق قىلغاندا توغرا يېگىلى بولىدۇ، بۈگۈن بىز ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى توغرا يېيىش شەكلى ھەققىدە سۆزلىشىپ باقايلى.



1. دورا يېيىشتىن بۇرۇن: دورا يېيىش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشنى چۈشىنىش

بارغانسېرى كۆپلىگەن پاكىتلار دەسلەپكى مەزگىلدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنىڭ پايدىسىنى ئىسپاتلاپ بەردى، ئەڭ يېڭى تەتقىقات پاكىتى داۋالىنىشنى بالدۇر باشلىسا، HIV يۇقۇمدارى تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ ساغلام بەدەنگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى، بەدەننىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى ھەمدە نورمال ھالىتىنى ساقلايدىغانلىقىنى، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە قىسمەن ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىپ ياكى ئالدىنى ئېلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىشكە تەييارلىنىشتىن بۇرۇن، چوقۇم دورا يېيىشكە ئەمەل قىلىشقا تەييارلىنىشىڭىز كېرەك.

دورا يېيىشكە ئەمەل قىلىش ئاددىي قىلىپ ئېيتاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋاقتىدا يېتەرلىك مىقداردا ۋىرۇسقا قارشى دورا يېيىىشكە قاتتىق ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەمەل قىلىش %95تىن يۇقىرى بولۇشى (ھازىرقى داۋالاش لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ھەر ئايدا ئۇنتۇلۇپ قېلىش ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ) ئىنتايىن مۇھىم.

ئېھتىمال بىرى سىزگە ۋاقتىدا دورا يېمىسەممۇ داۋالاشقا تەسىرى بولمىدى دېيىشى مۇمكىن.

شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، ھەربىر ئادەمنىڭ بەدەن ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن باشقا كېسەلداشلىرىڭىزنىڭكىنى ئاددىي ھالدا سېلىشتۇرۇۋالماڭ.

2. دورا يېيشتە ئەكس تەسىرىگە يۈزلىنىش

دائىملىق دورا گۇرۇپپىسى ھەمدە ئالاقىدار ئەكس تەسىرلىرى:

AZT+3TC+EFV: باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، قۇسۇش، قان كەملىك؛ تېرە قىچىشىش، باش قېيىش، ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، كاللا جايىدا بولماسلىق.

AZT+3TC+NVP: باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، قۇسۇش؛ تېرە قىچىشىش، جىگەر زىيانغا ئۇچراش. قان كۆرسەتكۈچى، جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

TDF+3TC+EFV: بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، قۇسۇش، قان كەملىك؛ تېرە قىچىشىش، باش قېيىش، ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، كاللا جايىدا بولماسلىق.

TDF+3TC+NVP:بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، قۇسۇش؛ تېرە قىچىشىش، جىگەر زىيانغا ئۇچراش.

TDF+3TC+كېلىفا: بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، يۇقىرى قان مىقدارى.

كۆپ قىسىم دورا يېگۈچىلەردە ئەكس تەسىرى دورا يەپ ئالتە ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە بولغان ئەتراپدا ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، بەزى ناچار ئەكس تەسرلەرنى يېمەكلىكنى تەڭشەش ياكى باشقا دورىلارنى يېيىش ئارقىلىق يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

پەقەت ئاز ساندىكى دورا يېگۈچىلەردە دورا يېگەندىن كېيىن ئۇزۇنغىچە ناچار ئەكس تەسىرى پەسەيمەسلىك كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، دوختۇر بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، پىكىرلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك، دوختۇرلار سىز بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشىدۇ.

دورىنىڭ ناچار ئەكس تەسىرى سەۋەبلىك ئۆزلىكىڭىزدىن دورىنى توختىتىپ قويماڭ.

ئەگەر ئۆزلىكىڭىزدىن دورىنى توختاتسىڭىز، دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى تولۇقلاڭ.

3. ئەگەر دورا يېمىگەن قېتىم سانى كۆپ ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا دورىنى توختىتىپ قويغان بولسىڭىز، دورىغا چىدامچانلىق يۈز بېرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا داۋالاش مەغلۇپ بولىدۇ.

ئالدى ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان شەكىلنى تېپىپ ۋاقتىدا مىقدارى بويىچە دورا يەڭ. دورا يېيىشنى تاللىغان ئىكەنسىز قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ، ئەگەر تەييارلىنىپ بولمىغان بولسىڭىز، دورا يېيىشنى باشلاش تەكلىپى بېرىلمەيدۇ.

ئەگەر دورا يېيىش جەريانىدا بەدەن بىئارام بولسا تېزراق دوختۇرخانىغا بېرىڭ، خالىغانچە دورىنى توختىتىپ قويماڭ ياكى دورا ئالماشتۇرماڭ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئۆزىڭىز يېگەن دورىلارنىڭ ئىسمى، رەڭگى، شەكلى ھەمدە ھەربىر دورا ياكى دورا گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىنى ئېنىق چۈشىنىشىڭىز ۋە بىلىشىڭىز كېرەك. ھەر قېتىم دورا يېگەندە دورا دانىچىسىغا قاراپ، چاتاق يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن يېيىش كېرەك.

دورا يېيىش ۋاقتىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ ئۆزىڭىزنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە بىرلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك، ۋاقتىڭىزغا باشقا ئىشلار تەسىر قىلمايدىغان ۋاقىتنى تاللاڭ.

ۋاقىتنى تاللاپ بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، دورا يېيىش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەڭ.

يانفون قاتارلىق ئەسلىھەلەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ دورا يېيىش ۋاقتىڭىزنى قوڭغۇراقلىق ئەسكەرتىدىغان قىلىڭ.

مۇۋاپىق دورا قۇتىسى تەييارلاڭ، بىر قىسىم ۋىرۇسقا قارشى دورىنى تۈرگە ئايرىپ، يېنىڭىزغا ئېلىۋېلىڭ، ۋاقىتلىق ئىشلار سەۋەبلىك ۋاقتىدا دورا يېيەلمەسلىكتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر كاماندىروپكىغا چىقسىڭىز كۆپرەك دورا ئېلىۋېلىڭ. بارلىق دورىنى ياندا ئېلىۋېلىش تەكلىپ بېرىلمەيدۇ، دورىنىڭ ھەممىسى يۈتۈپ كەتسە دورا يېيەلمەيدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.

ھەربىر قۇتا دورىنى يېيىشنى باشلىغان ۋاقىتنى خاتىرىلىۋېلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ئەگەر دورا يېيىش ئەھۋالىڭىزدىن گۇمانلانسىڭىز دورىنى ئېنىقلاشقا پايدىسى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر