• يېڭى ماقالىلەر

بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئەرلەر ئۆمرىدە 20 ياشتىن 29 ياشقىچە تەخمىنەن 2920 تال بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىپ بولىدىكەن، 30 ياشتىن 39 ياشقىچە 1278 تال بىخەتەرلىل قاپچۇقىنى ئىشلىتىۋېتىدىكەن، 40 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان بۇ باسقۇچتا فورمۇلاغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا يەنە 730 تال بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىۋېتىدىكەن...فورمۇلاغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، بىر ئەر ئۆمرىدە 5731 تال بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىۋېتىدىكەن.


ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى بىر قېتىممۇ تاقاپ باقمىغان.

دۇدۇ بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاھىدە كۆپچىلىككە تارىختىكى ئەڭ تەپسىلىي بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش دەرسلىكى ئىشلەپ چىقتى. ئەرلەرلا كۆرۈپ قالماستىن، ئاياللارمۇ كۆرۈپ قويۇشى كېرەك! نېمىلا بولمىسۇن ئېرىڭىز ياكى ئوغۇل دوستىڭىزغا بىخەتەرلىك قاپچۇقى تاقاپ قويۇش خېلى قالتىس ئىش.

ئالدى بىلەن ئىككى قولۇڭىزنى پاكىز يۇيىشىڭىز كېرەك. بىر كۈن خىزمەت قىلغان قولىڭىزدا نېمىلەر بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىڭىز ياكى ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا مەسئۇل بولۇش كېرەك.

ئاندىن بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى تەييار قىلىش كېرەك، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا تەپسىلىي قاراش كېرەك. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتىمۇ يوق، سىرتقى قېپى بۇزۇلدىمۇ يوق دېگەنلەرگە قاراش كېرەك.

چاتاق بولمىسا ئاچساق بولىدۇ. ھەرگىز قايچا بىلەن ئېچىپ سالماڭ، قولىڭىز بىلەن بىۋاسىتە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىنى يىرتسىڭىز بولىدۇ.

ئاچقاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئوڭ-تەتۈرىنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەك.

يىرتىپ ئاچقاندىن كېيىن قول بىلەن بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ پۈرمىلىك چۆرىسىنى تۇتۇپ، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ پۈرمىلىك چۆرىسىنىڭ سىرتىغا قارايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر ئىشلەتكىنىڭىز تومپىيىپ چىقىدىغان ۋە رېزبىلىق بىخەتەرلىك قاپچۇقى بولسا، ئوڭ-تەتۈرىنى پەرقلەندۈرمەك نىسبەتەن ئاسان، تومپىيىپ چىققان نۇقتىسى ۋە رېزبىسى سىرتقا قارايدۇ.

ئەگەر تەتۈر تاقاپ قويسىڭىز، ئوڭ ئۆرۈپ قايتا تاقىماڭ، قايتىدىن يېڭى بىر بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئېچىڭ.

باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئۇچىنى قىسىپ، ئىچىدىكى ھاۋانى سىقىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.

بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئىچىدە قالغان ھاۋا بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېرىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئۇچىدىكى ھاۋانى سىقىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.

بىر قول بىلەن بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئۇچىنى سىقىپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، باشقا بىر قول بىلەن بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئاستا ئېچىپ جىنسىي ئەزاغا تولۇق تاقاش كېرەك. چۈشۈپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىشتىن كېيىن، دەرھال بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئاستى قىسىمىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئايالنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن تولۇق تارتىپ چىقارغاندىن كېيىن، ئاندىن بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئېلىۋېتىش كېرەك. بىر بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى پەقەت بىر قېتىملا ئىشلىتىمىز، تەكرار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئىشلىتىپ بولغان بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى بوغۇپ، قەغەز بىلەن ئورىغاندىن كېيىن تاشلىۋېتىش كېرەك.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش، تېببىي، جىنسىي بىلىملەرنى ئاممىغا يەتكۈزۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر