• يېڭى ماقالىلەر

ئەرلەرنىڭ يۇقىرى خەتەردىكى جىنسىي مۇناسىۋىتىدە ئەيدىز يۇقۇش يولىنى ئۈزۈۋېتىشتە ئۈمىد بار

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۆۋەتتە، ئەيدىز كېسلىنىڭ نەچچە چوڭ يۇقۇش يولىدا قان بېرىپ يۇقۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئۈزۈۋېتىلدى، شىپرىس بىلەن زەھەر چېكىپ يۇقۇش زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى، ئەمما ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە يۇقۇشتا ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى يەنىلا ئېغىر، بىراق بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى جىنسىي مۇناسىۋەتتە يۇقۇش يولىنى ئۈزۈۋېتىشكە يېڭى شەكىل تەمىنلىدى.

دۇنياغا داڭلىق مېدىتسىنا قەرەللىك ژۇرنىلى Lancet ژۇرنىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، سەككىز يىلغا سوزۇلغان، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلار قاتناشقا بىر تەتقىقاتتا 972 جۈپ بىر تەرەپ HIV يۇقۇمدارى ئەر ھەمجىنىسلارنى ئىز قوغلاشتىن بايقىشىچە، ھازىرقى تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا ۋىرۇس مىقدارى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى ئەڭ خەتەرلىك قوغداش تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئەرلەر بىلەن ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋىتىدىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويمايدىكەن.

بۇنىڭغا قارىتا 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ياۋروپادا قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ يۇقۇمدارلارنىڭ غورۇرى ۋە ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى ئەيدىز كېسىلى كلىنىكا مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا تېببىي جەمئىيىتى يۇقۇملۇق كېسەللەر جەمئىيىتى ئەيدىز كېسىلى ئىلمى گۇرۇپىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شېنجېن ئۈچىنچى دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللەر بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇي پروفېسسورت 21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسى ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي قىلمىشىغا ئىشەنچىلىك پاكىت تەمىنلىگەن، تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالانغاندىن كېيىن ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش سەۋىيەسىگە يەتكەن يۇقۇمدارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇش خەتىرىنىڭ نۆل بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. بۇ تەتقىقات ھەم خەلقئارادىكى Undetectable=Untransmittable ئىدىيەسىنى ئىسپاتلىدى، يەنى ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ چىقالمىسا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغىلى بولمايدۇ.

بىراق، ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلەر ئۆزىنىڭ HIV يۇقۇمدارى ئەھۋالىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن يەنىلا ناھايىتى چوڭ يۇقتۇرۇش خەتىرى بار ئىكەن، چۈنكى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى نەچچە ھەپتە ۋە نەچچە ئاي ئىچىدە ۋىرۇس مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان كىشى ئەھۋالنى بىلمەي داۋالانمىغان بولسا، ۋىرۇس مىقدارى كونترول قىلىنماي، يۇقتۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.

ۋاڭ خۇي پروفېسسورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داۋاملىق HIVنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئارىلىشىش خىزمىتىنى ئىشلەش يەنىلا مۇھىم ئىكەن، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ھەمدە بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتە دوكلات قىلىنغان ھايات ئەيدىز يۇقۇمدارى 850 مىڭ بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەر 262 مىڭ ئىكەن. يېڭى بايقالغان يۇقۇمدارلار ھەر يىلى 80 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەندى. دۆلىتىمىز ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا گۇاڭجۇ شەھىرى 8-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر مۇدىرى سەي ۋېيپىڭنىڭ دېيىشىچە، %90 ئەتراپىدىكى يۇقۇملىنىش جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇققان بولۇپ، بۇنىڭدا ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتىدىن يۇقۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن ھەمدە يۇقۇش خەتىرى ئەر-ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋىتىدە يۇقۇشتىن تېخىمۇ چوڭ ئىكەن.

Lancet ژۇرنىلى يېڭى ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسى ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشىنى ئۈزۈۋېتىشتىكى خۇش خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشچە، تەتقىقاتچىلار 972 جۈپ بىر تەرەپ HIV يۇقۇمدارى (تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالانغان) ئەر ھەمجىنىسلارغا قارىتا ئىلغار كۆزىتىش تەتقىقاتى قىلغان، جەمئىي 2072 پارچە couple-year زىيارەت سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەن. زىيارەت جەريانىدا ئوتتۇرىچە ھەر 100 پارچە couple-yearدا 25 جۈپنى زىيارەت قىلغىلى بولمىغان، زىيارەت قىلالماسلىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىككىسى ئايرىلىپ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، تەتقىقاتچىلار 782 جۈپنىڭ 1593 پارچە couple-year سانلىق مەلۇماتىنى كىرگۈزگەن.

زىيارەت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر ھەمجىنىس بىر جۈپلەر جەمئىي 76 مىڭ 88 قېتىم قوغداش تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، 185 نەپەر HIV مۇسبەت يۇقۇمدار ۋە 214 نەپەر HIV مەنپىي ئەر سوزنەك، سىفىلىس قاتارلىق باشقا جىنسىي كېسەللەردىن يۇقۇملانغان. 436 نەپەر HIV مەنپىي ئەر ئەڭ ئاسان ئەيدىز يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بار تەن ئىچىدىكى ئىسپېرما قوبۇل قىلغان.

ئەمما بۇ ھەمجىنىس بىر جۈپلەردە HIV مەنپىي تەرەپتىن پەقەت 15 ئادەم يوقلاش مەزگىلىدە HIVدىن يۇقۇملانغان. ھەمدە بۇ 15 ئادەم يۇقۇملانغان HIV ۋىرۇسى ئېرسىيەت ئىلمىدە ئۇلارنىڭ ھەمجىنىس جۈپتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

ۋاڭ خۇي پروفېسسور 21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا تونۇشتۇرۇپ: ئىلگىرى HPTN 052 ئىختىيارىي كلىنىكا سىنىقى ۋە كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى جاكارلانغاندا ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدۇق، بۇ تەتقىقات خەلقئارا U=U ئىدىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بىراق بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىر تەرەپ HIVدىن يۇقۇملانغان، يەنە بىر تەرەپ HIVدىن يۇقۇملانمىغان ئەر-ئايال بىر جۈپلەر ئاساسىدا چىقىرىلغان، كۆپچىلىك بۇ نەزەرىيەنىڭ ئەر ھەمجىنىس بىر جۈپلەر توپىغا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا قارىتا تېخىچە گۇمان مەۋجۇت ئىدى، بۇ قېتىمقى نەتىجە U=U ئۇقۇمىنىڭ ئوخشاشلا ئەر ھەمجىنىسلار توپىغىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، دېدى.

ئىلگىرى بېيجىڭ داشۆ، جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى، خارۋارد ۋە جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان داشۆسى قاتارلىق تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى Lancet ژۇرنىلىدا مەملىكەتلىك كۆزىتىش توپى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، 2003-يىلدىن 2011-يىلغىچە جۇڭگونىڭ HIV يۇقۇمى بىردەك بولمىغان ئەر-ئاياللارنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ HIV يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان ئىدى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغان جۇڭگولۇق HIV يۇقۇمدارى بىردەك بولمىغان ئەر-ئاياللاردا HIV مۇسبەت يەككىنىڭ HIV يۇقتۇرۇشىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە مەملىكەت مىقياسىدا قانات يايدۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئاممىۋى سەھىيە ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىشى كۆرۈنەرلىك كېڭەيدى. 2017-يىلى پۈتۈن دۇنيادا 36 مىليون 900 مىڭ HIV يۇقۇمدارىدا %59 يۇقۇمدار داۋالاشقا ئېرىشتى، %47 بىمارنىڭ ۋىرۇس مىقدارى تىزگىنلەندى.

يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان ئالىسون (Alison Rodger) پروفېسسور: بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىمىز ئەر ھەمجىنىسلارغا ئىشچەنچىلىك پاكىت تەمىنلىدى، تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەندىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇش خەتىرىنىڭ نۆل بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، دېدى.

ۋاڭ خۇي پرافېسسورنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزمۇ ئەر ھەمجىنىس بىر جۈپلەرگە قارىتا ئالاقىدار جەھەتتە تەتقىقا قىلغان. ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بىزگە ناھايىتى چوڭ ئۇچۇر تەمىنلىدى، ئەمما جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرق پەرقى، ۋىرۇس تىپى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بىزنىڭ تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىمىز ئۆزگىچە قىممەتكە ئىگە، دېدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر