• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىپ تاشلامدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپلىگەن كىشىلەر دورا يېگەندىن كېيىن جىنسىي ھەۋەس يوق بولۇپ كەتتى دېيىشىدۇ. زادى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىۋېتەمدۇ؟

ئالدى بىلەن زادى قايسى دورىلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؟

بىرىنچى، ھورمون تۈرىدىكى دورىلار: كورتىسون (可的松)، پرېدنىسون (强的松)، مېتىل تېستوستېرون (甲基睾丸酮) قاتارلىقلار جىنسىي ھەۋەسنىڭ چېكىنىشى، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككىنچى، ئۆسمىگە قارشى دورىلار: سىكلوفوسفامىد (环磷酰胺)، خلورېسامىن (氮芥)، بۇسۇلفان (马利兰)، ۋىنكرىستىن (长春新碱)، ئامېتوپتېرىن (氨甲蝶呤) قاتارلىقلار جىنسىي ھەۋەسنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچىسى، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرى: مېتىل دوپا (甲基多巴)، گۇئانېسىدىن (胍乙啶)، رېسېرپىن (利血平)، پېنتولونىم (安血定)، مېكامىلامىن (美加明) قاتارلىقلار جىنسىي ھەۋەسنى سۇسلىتىۋېتىدۇ، جىنسىي قوزغىلىش تۆۋەنلەيدۇ، جىنسىي يۇقىرى پەللە يوقىلىدۇ.

تۆتىنچى، روھىي كېسەل دورىلىرى: خلورو پرومازىن (氯丙嗪)، فېنېلزىن (苯乙肼)، ئايسوكاربوكسازىد (闷可乐)، ترانىلسىپرومىن (苯环丙胺)، لىتىي كاربونات (碳酸锂) قاتارلىقلار دالانچە ۋە جىنسىي يول تولۇق سىلىقلانماسلىق سەۋەبلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش قىيىن بولۇش، جىنسىي قوزغىلىشقا كاشىلا قىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەشىنچى، سەزگۈرلۈككە قارشى دورىلار: دىفېنگىدرامىن (苯海拉明)، خلورفېنىرامىن (扑尔敏)، پرومېتازىن رادىكالى (异丙嗪根) قاتارلىق دوپامىن توسقۇچىلار جىنسىي ھەۋەسنىڭ چېكىنىشى، جىنسىي قوزغىلىشنىڭ تۆۋەنلىشى، جىنسىي يولنىڭ سىلىقلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقى، جىنسىي يۇقىرى پەللىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالتىنچى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دورىلىرى: پروپرانولول (心得安)، مېتوپرولول (美多心安)، ئاترومىد (安妥明)، دىگىتالىس (洋地黄)، دىگوكسىن (地高辛) قاتارلىق جىنسىي ھەۋەس چېكىنىش، جىنسىي مۇناسىۋەت قىيىن بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەتتىنچى، خولىنغا قارشى دورىلار: ئاتروپىن (阿托品) جىنسىي يۇقىرى پەللىنى تىزگىنلىۋالىدۇ، سىمېتىدىن (甲氰咪胍) جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، تېگرېتول (镇痉宁) جىنسىي ئويغىنىشنى گاللاشتۇرۇۋېتىدۇ، پروپانسېلىن (普鲁本辛) سۈيدۈك يولى ئاجراتما ماددىلىرىنى ئازايتىۋېتىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىيىن بولۇش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئاغرىشنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

سەككىزىنچى، تىنچلاندۇرۇش، ئۇيقۇ دورىلىرى: ۋالىئۇم (安定)، ئەننىڭ (安宁)، لۇمىنال (鲁米那)، لىبرىئۇم (利眠宁)، باربىتال (速可眠) قاتارلىق جىنسىي ھەۋەس چېكىنىش، جىنسىي يۇقىرى پەللە تىزگىنلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرىقى دورىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق يېزىلدى، بىرىمۇ چۈشۈپ قالغىنى يوق، بۇ دورىلاردا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشتىىكى كوكتيېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلىدا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ بىرىمۇ يوق. يەنى تېبابەتتە ئۇلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلەتمەيدۇ.

ئەمەلىي تەجرىبىدىن ئېيتقاندا، كۆپچىلىككە دەيدىغىنىمىز:

1. دورا بىلەن جىنسىي ھەۋەسنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، كۈچلۈكلەرنىڭ يەنىلا كۈچلۈك.

2. ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى تۆۋەنلەپ كەتتى دېگۈچىلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئېشىپ كېتىشنىلا ئويلايدۇ.

3. ئادەتتە جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەپ كەتتى دېگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېڭىلا دورا يېيىشنى باشلىغانلار، يېڭى دورا يېيىشنى باشلىغاندا ئەكس تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولىدىغان چاغ، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىقلار، بۇ چاغدا بەدەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ماس كەلمەيدۇ.

4. پىسخىك ئامىل كۆپ قىسىمنى ئىگىلىگەن بولىدۇ، كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، خۇشال-خۇرام جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەيدۇ، كۆپىنچە ئېغىر غەمدە، شۇڭا جىنسىي ھەۋەسنىڭ تۆۋەنلىشى نورمال.

5. كۆپىنچىلەر باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىدۇ، شۇڭا جىنسىي ھەمراھى ياكى دوستى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا پىسخىكىسى تىزگىنلىنىپ قالىدۇ.

نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنىڭ جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە ياكى خەۋەر يوق.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر