• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى جىنسىي تۇرمۇشتىن قانداق بىخەتەر بەھرىمەن بولىدۇ؟

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن UNAIDS ۋە WHOنىڭ بىرلىكتە باھالىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلىتىمىزدە ھايات HIV/AIDS بىمارى بىر مىليون 250 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى تەخمىنەن 10 مىڭدە 9 بولغان، يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇمدار 80 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. يېقىنقى يىللاردا تەكشۈرۈلگەن ھەمدە دىياگنوز قويۇلۇپ دوكلات قىلىنغان يۇقۇمدارلاردا ھەر 100 ئادەمدە 90دىن كۆپرەكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان، بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىشتا ئەيدىز يۇقۇش خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى.

ۋىرۇس مىقدارى HIV يۇقۇشىنى مۆلچەرلەشتىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ

سوئال: دوختۇر، مەن دورا يېگىلى بىر يىل بولدى، ھەركۈنى دورا يەۋاتىمەن، مەندە ھازىرمۇ يۇقتۇرۇشچانلىق بارمۇ؟

جاۋاب: قانچىلىك دورا يېيىش يۇقتۇرۇشچانلىق بار-يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس، نۆۋەتتىكى تېنىڭىزدە ۋىرۇس مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ھازىرمۇ يۇقتۇرۇشچانلىق بار-يوقلىقىغا باھا بېرىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى. ئەگەر بىر يىل دورا يېگەن بولسىڭىزمۇ، نۆۋەتتە دورىغا چىدامچانلىق يۈز بەرگەن بولسا، ۋىرۇس مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولسا، يۇقتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دورىغا چىدامچان ۋىرۇس تۈرىنى تارقىتىسىز.

بىر تەتقىقاتتا ئافرىقىدىكى بىر تەرەپ مۇسبەت ئائىلىدىكى 3297 جۈپ ئەر-ئايالنى ئانالىز قىلغان، 86 جۈپتە HIV يۇقۇمى كۆرۈلگەن. تەتقىقاتتا HIV-1 RNA قان پلازمىسى قويۇقلىقى، يەنى ۋىرۇس مىقدارى 10 ھەسسە ئاشقاندا، ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە يۇقۇش خەتىرى 2.9 ھەسسە ئاشقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. تەتقىقاتتا قان سۇيۇقلىقىدىكى HIV-1 ۋىرۇس مىقدارى قان زەردابى بىردەك بولمىغان ئافرىقىلىق ئەر-ئاياللارنىڭ ھەمراھىغا يۇقتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بايقالدى.

HIV ۋىرۇس مىقدارى بىلەن بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ھەمدە يۇقتۇرۇش كۈچى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت زىچ: بىمارنىڭ HIV ۋىرۇس مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، يۇقۇملىنىش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، مەنپىي جۈپتىنىڭ مۇسبەت بولۇش خەتىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ۋىرۇسنىڭ نۇسخىلىنىشىنى توسۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئاكتىپلىنى تۆۋەنلىتىش شەكلىدە قان سۇيۇقلۇقى، باشقا سۇيۇقلۇقلاردىكى ۋىرۇس مىقدارىنى ئازايتىپ، HⅣ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، مەنپىي ھەمراھىغا يۇقتۇرۇپ قويۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا ۋىرۇسقا قارشى دورا يەپ ۋىرۇس مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش HⅣنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشتىكى مۇھىم يول.

ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈشتىكى قېىم سانى داۋالانغان دەسلەپكى ئىككى يىلدا ئەڭ ياخشىسى ھەر يىلى تۆت قېتىم تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ مۇقىم ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋالانغاندىن كېيىن ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتسە بولىدۇ. مەلۇم بىر قېتىم ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ چىقالمىسا، ئالتە ئاي بولغاندا يەنە بىر قېتىم ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرتكەندە يەنىلا تەكشۈرۈپ چىقالمىسا، ۋىرۇس مىقدارى ئۇدا تەكشۈرۈپ چىقالمىغان دەپ قارىلىدۇ.

يۇقۇمدارنىڭ ئۆزىنى نۆۋەتتە يۇقتۇرۇشچانلىقى بار-يوقلىقىنى باھالاشتا بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك:

1. ئارىلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە ئايدا ئىككى قېتىم ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ چىقالمىسا ئۇدا تەكشۈرۈپ چىقالمىدى دەپ قارىلىدۇ.

2. ئالتە ئاي ئىچىدە ۋىرۇس مىقدارى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەكشۈرۈل چىققىلى بولمىدۇ بولسا، ئۈنۈملۈك دەپ قارىلىدۇ.

3. ۋىرۇس مىقدارىنىڭ دەلىللىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، 50 ياكى 50تىن تۆۋەن بولۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ۋىرۇس ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەنلىكىنىڭ ئۇقۇمى 200دىن تۆۋەن بولۇش.

HIVنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈچ خىل ئۈنۈملۈك تەدبىر

1. قېلىپلاشقان ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ۋىرۇس مىقدارىنى كونترول قىلىش

ئادەتتە قېلىپلاشقان داۋالاشنى باشلاپ 16-24 ھەپتە، ئەڭ كېچىككەندە بىر يىل ئەتراپىدا ئاندىن ۋىرۇسنى تىزگىنلەشكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ۋىرۇس تىزگىنلەشكە ئېرىشكەن ۋاقىت بىلەن ئاساسىي سىزىقلىق ۋىرۇس مىقدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى مۇناسىۋەتلىك. ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ چىقالمىغاندا ئۆز ئالدىڭىزغا دورىنى توختاتسىڭىز بولمايدۇ، بولمىسا قىلغان ئەجرىڭىز بىكارغا كېتىدۇ، ۋىرۇس مىقدارىمۇ قاڭقىيدۇ، ھەتتا دورىغا چىدامچانلىق خەتىرى كۆتۈرلىدۇ.

2. ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئالدىنى ئېلىشنى توغرا قىلىش

ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش يەنى PrEPدا دورا ئىشلىتىشتە ئالدى بىلەن تەۋسىيە قىلىنىدىغان لايىھە ترۇۋادا (舒发泰) + رالتېگراۋىر (艾生特) ياكى باشقا بىرىكتۈرگۈچى ئېنزىم تىزگىنلىگۈچ، مەسىلەن تۋىكېي (特威凯) قاتارلىقلار؛ يەرلىكتىكى مەنبەگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىرىكتۈرگۈچى ئېنزىم تىزگىنلىگۈچ يېتەرلىك بولمىسا LPV/r ۋە DRV/r ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ بىرلەشمە برەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكۈچىلەرگە قارىتا AZT/3TC ئىشلىتىشكە بولىدۇ. دورا ئىشلىتىشنى باشلاش ۋاقتى ھەمدە باسقۇچى: HIV بىلەن ئۇچرىشىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامال بار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە (ئامال بار ئىككى سائەت ئىچىدە) ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى دورا ئىشلىتىش، ئەڭ ياخشىسى 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، ئەمما 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى دورا ئىشلىتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. دورا ئىشلىتىش باسقۇچى ئۇدا 28 كۈن.

3. بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش HIV يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە باشقا جىنسىي كېسەللەرنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر