• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز ئىكەنلىكىگە دىياگنوز قويۇلسا ئارقىغا سۆرىمەي دورا يېيىشنى دەرھال باشلاش كېرەك

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسىڭىز ئاكتىپ داۋالىنىش ھەممىدىن مۇھىم.

كەلگۈسىدىكى كۈنلەر يەنە ناھايىتى ئۇزۇن، يەنە ناھايىتى كۆپ ئېھتىماللىق بار، تۇرمۇشتا يەنىلا ئۈمىدۋار بولۇش كېرەك.

قاراپ بېقىڭ، دۇنيادا گۈزەل نەرسىلەر بەكلا كۆپ، تۇرمۇشقا يۈزلىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن تىركىشىش كېرەك؛ كېسەلگە قارىتا ئۈمىدۋار بولۇش، تۈتەكتىن چىقىپ كەتكەندە ئاندىن كەلگۈسىغا قاراپ يول ئالغىلى بولىدۇ.

بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ نۇسخىلىنىشىنى تېز سۈرئەتتە تىزگىنلەپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن قوغدايدۇ، ئەگەر داۋالاشنى كېچىكتۈرسەك، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بىلەر بىلىنمەيلا ئاستا-ئاستا يىمىرىلىدۇ، ئاسانلا ھەرخىل پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ياكى ئۆسمە پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا داۋالانغاندا داۋالاش تەننەرخى ئېشىپ كېتىدۇ.

1. رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ

قىسمەن يىگىتلەر دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقىپ قالسا، ئەمما قايتا تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يانفون نومۇرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ، ۋېيشىنىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، قايتا-قايتا كەينىگە سۆرەيدۇ. بەزىلەر گەرچە ئېنىق تەكشۈرۈش قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆيگە قايتقاندا دوكلات قەغىزىنى يىرتىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۆي كۆچۈپ كېتىدۇ، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خادىملىرىمۇ ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالىدۇ. راستنى ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ قىلمىشلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلىسە ياكى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتالىسا، مەن خۇشاللىق بىلەن ئۆي كۆچۈشۈپ بەرگەن بولاتتىم، تەكشۈرۈش قەغىزىنى يىرتىشىپ بەرگەن بولاتتىم.

شۇندا قىلىپلا قالماستىن، يەنە داۋالاشنى قوبۇل قىلماي، قوغداش تەدبىرى قوللانماي تۇرۇپ داۋاملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ، ناۋادا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە، ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈرى ھاسىل قىلىدۇ، كەلگۈسىدە داۋالانماقچى بولغاندىمۇ يېگۈدەك ھەقسىز دورا يوق قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىشى، ئۆزى پۇل چىقىرىپ ئىمپورت دورا سېتىۋېلىشى مۇمكىن، داۋالاش تەننەرخى ئېشىپ كېتىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئازابلىنىدىغان كىشى يەنىلا ئۆزىڭىز ۋە پۇل قاپچۇقىڭىز بولىدۇ.

2. قانچە بالدۇر داۋالانسا شۇنداق بالدۇر ئەسلىگە كېلىدۇ

دەسلەپكى باسقۇچىدىن پايدىلىنىپ ئامال بار تېز بىر تەرەپ قىلسا، يانداشما كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ، ھەرقايسى دوستلارنىڭ بۇ قائىدىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىڭ، ئەمدە بېرىپ داۋالىنىشنى باشلاي دېيىش بۈگۈنلا داۋالىنىشنى باشلاي دېيىشتىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ بۈگۈن داۋالاش ۋىرۇس مىقدارىنى تېخىمۇ تېز كونترول قىلمامدۇ؟ CD4 قىممىتىنى تېخىمۇ تېز ئۆرلەتكىلى بولمامدۇ؟ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تېخىمۇ تېز ھالدا قايتا قۇرۇپ چىقمامدۇ؟ جاۋابى شۇكى ئەتە داۋالانسىڭىز ۋىرۇس مىقدارى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، CD4 قىممىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخىمۇ ئاجىزلايدۇ.

3. قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، داۋالاشقا ماسلىشىش كېرەك

قەتئىي داۋالىنىش ئىشەنچىسى بولۇشى، داۋالىنىشقا ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك، دورا يېيىشكە ياخشى ئەمەل قىلىش داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە دورىغا چىدامچانلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلاپ قالىدۇ. ئوخشاش داۋالاش لايىھەسىدە دورا يېيىشكە ئەمەل قىلسا ئون نەچچە يىلدىمۇ دورىغا چىدامچانلىق يۈز بەرمەيدۇ، دائىم ئۇنتۇلۇپ قالسا، كېچىكتۈرسە، يېرىم يىل يېسىلا دورىغا چىدامچانلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. دورىغا چىدامچانلىق دەرھال ئىپادىلەنمەيدۇ، نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلىدۇ. دورىغا چىدامچانلىق يېگۈدەك دورا يوق ياكى داۋالاش مەغلۇپ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئەگەر ئۆزىڭىزنى HIVدىن يۇقۇملاندىم دەپ گۇمان قىلسىڭىز، شۇ ھامان يېقىن ئەتراپتىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىي ياكى پىيائىيلار تەشكىلاتىغا بېرىپ ھەقسىز HIV تەكشۈرۈشى قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ، 15-30 مىنۇتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىدۇ، مەكتەپ بېرىش ياكى خىزمەتكە بېرىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دوختۇرخانىدىمۇ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ، ھەق ئالىدۇ، ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن.

ئۆزىڭىزنىڭ HIV يۇقۇم ئەھۋالىنى قانچە بالدۇر بولسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ قوللاش خاراكتېرىدىكى ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز. قانچە بالدۇر تەكشۈرتسىڭىز شۇنچە بالدۇر بايقايسىز. قانچە بالدۇر داۋالانسىڭىز شۇنچە بالدۇر كلىنىكىلىق داۋالاپ ساقايتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. قانچە بالدۇر داۋالانسىزڭى، ئۆمرىڭىز شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر