• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز كىسەلىكنىڭ دورا رېئاكسىيەسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: AIDS داۋالاش قوللانمىسى | ۋاقتى: 2018/03/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

دورا رىئاكسىيەسى:


رېئاكسىيە قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان دورىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىپ، شۇ دورىنىڭ نامىنى خاتىرىلىۋېلىڭ. خلورفېنرامىن قاتارلىق رېئاكىسيە تەڭشىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىڭ.
كۆپ سۇ ئىچىڭ.
ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.
ئەگەر دوختۇر دورا توختىتىشنى تەلەپ قىلسا، چوقۇم دورا بىرىكمىسىدىكى بارلىق دورىلارنى ئىشلەتمەڭ. چۈنكى تۇبېركىليۇزغا قارشى دورا بىلەن ۋىروسقا قارشى دورىلارنىڭ پەقەت بىر خىلىنىلا توختىتىپ، قالغانلىرىنى داۋاملىق ئىشلەتكەندە،  ناھايتى ئاسانلا دورا كۈرۈشمەسلىك شەكىللىنىدۇ.
ئاغرىش:
بەزىدە ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، زۆرۈر بولغاندا ئاغرىق توختىتىش تابلىتكىلىرىنى ئىشلىتىڭ.
داۋاملىق ئاغرىش كۆرۈلسە، ئاغرىق توختىتىش تابلىتكىلىرىنى چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىچىشىڭىز كېرەك (ھەر 4- 6 سائەتتە بىر قېتىم) .
ئەگەر ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى پايدا قىلمىسا، دوختۇردىن ياردەم سوراڭ.
ئەگەر قورسىقىڭىز ئاغرىسا، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچمەڭ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر