• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىزنىڭ تۇتقاقلىق قوزغالغاندىكى ئاساسىي كۈتۈش ئۇسۇللىرى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: AIDS داۋالاش قوللانمىسى | ۋاقتى: 2018/03/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

تۇتقاقلىق قوزغالغاندىكى ئاساسىي كۈتۈش ئۇسۇللىرى:


1. تۇتقاقلىق قوزغالغاندا، بىمارنى يانچە ياتقۇزۇپ تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلاش، ھەمدە  نەپسىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. تۇتقاقلىق قوزغالغاندا، بىمارنىڭ تىل، چىش، تاڭلايلىرىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن،  ئاغزىغا ھېچقانداق نەرسىنى سالماسلىق كېرەك.
3. تۇتقاقلىق قوزغالغاندا، بىمارنى قۇچاقلىۋالماسلىق، بىمارنى زەخىملىنىشتىن ساقلاش كېرەك .
4. پەرۋىش خادىملىرى ئەتراپتىكى مۇھىتقا دېققەت قىلىشى، بىمارنى زەخىملەندۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان نەرسىلەرنى يۆتكىۋېتىشى كېرەك.
5. بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كېيىملەرنى يېشىۋىتىش كېرەك.
6. تۇتقاقلىق قوزغالغان جەرياندا، بىمارنىڭ باش، قول، پۇتلىرىنى قوغدىشىمىز كېرەك.
7. تۇتقاقلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، بىمارنىڭ سېزىمى ئەسلىگە كەلگۈچە يانتۇ ياتقۇزۇش كېرەك.
8. بىمارنىڭ سېزىمى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن ئەھۋال ۋە ئۇ تۇرۇۋاتقان ئورۇننى ئېيتىپ بېرىش كېرەك.
9. بىمارنى دوختۇرغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش كېرەك.
10. ئەگەر تۇتقاقلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ بىمار ھوشىغا كەلمىسە، ئۇنى يانتۇ ياتقان ھالەتتە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش لازىم
كېسەل كۆرسىتىشتە قىلالايدىغان ئىشلار

 مەخسۇس ئەيدىزنى داۋالايدىغان ئورۇننى تېپىڭ. مەسلەن شۇ جايدىكى «كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى» ياكى «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى» دېگەندەك.
 سىز بىلەن پىكىرلىشەلەيدىغان دوختۇردىن بىرنى تېپىڭ.
 بىر پارچە قەغەزگە دوختۇر بىلەن مۇزاكىرلەشمەكچى بولغان مۇھىم نوقتىلارنى خاتىرلىۋېلىڭ. دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ئۇنى يېنىڭىزغا سېلىۋېلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، سورىماقچى بولغان مەسىلىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
 سىز ئىچىۋاتقان بارلىق دورىلارنىڭ نامى، مىقدارى، ئىچىش ۋاقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ.
 دوختۇرخانىدا بېرىلگەن كېسەللىك تارىخى ۋە داۋالاش كارتىسىنى ئوبدان ساقلاڭ. بۇ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ كېسەللىك تارىخى ۋە داۋالاش خاتىرىلىرى (بولۇپمۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى، رېنتىگىن قەغىزى،CT قەغىزى)نى كۆرۈشكە قولايلىق يارىتىپ، توغرا دىئاگنوز قويۇشىقا پايدىلىق. ئەگەر كېسەللىك تارىخى ياكى داۋالاش كارتىسى يۈتۈپ كەتسە، دەرھال تولۇقلاپ بېجىرىش كېرەك. ھەرگىزمۇ قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ، كېسەللىك تارىخى ۋە داۋالاش كارتىسىنى يېڭىدىن بېجىرمەڭ. بۇنداق قىلسىڭىز، ئىلگىرىكى داۋالاش خاتىرىلىرى يۈتۈپ كېتىپ، داۋالاش ۋە دىئاگنوز قويۇشقا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ.

دوختۇرغا كۆرۈنۈش ياكى تەكشۈرتۈش ۋاقتىڭىزنى ئالدىن كېلىشىڭ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر