• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز كېسەلىكنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ھوقوقى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: AIDS داۋالاش قوللانمىسى | ۋاقتى: 2018/03/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

كېسەل كۆرسىتىش  ھوقوقى


 تېببىي خادىملار ياكى مەسلىھەتچىلەر سىزگە بارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى، بولۇپمۇ بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك.
 سىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق داۋالاش لايىھەلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىشىڭىز كېرەك.
 كىشىلىك قەدىر- قىممىتىڭىز ھۆرمەتكە، مەخپىيىتىڭىز كاپالەتكە ئىرىشكەن ئەھۋال ئاستىدا داۋالىنىڭ.
 سىز دوختۇرخانىدىن ئۆزىڭىزنىڭ كېسەللىك تارىخىڭىزنى كۆرۈش، شۇنداقلا بۇ مەزمۇنلارنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
 سىز ھەرقانداق شەكىلدىكى تەتقىقات تەجرىبىلىرىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن، بۇ سىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى داۋالىنىشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
 سىز داۋالاش مۇلازىمىتىگە قارىتا ئەرز قىلىش، قانۇنىي ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما، بۇ سىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى داۋالىنىش سۈپىتىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
 باشقا لاياقەتلىك دوختۇرلارنىڭ تەكلىپ- پىكرىنى ئاڭلاش ھوقۇقىڭىز بار.
 ھوقۇق دائىرىڭىز ئىچىدە، دوختۇر ياكى دوختۇرخانىنى ئالماشتۇرسىڭىز، كېيىنكى داۋالاش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. لېكىن، بۇ توغرىلىق ئېنىق چۈشەنچە بېرىپ قويسىڭىز، ئارلىقتىكى ئوقۇشماسلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
 سىز بارلىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىڭىز ۋە كېسەللىك تارىخىڭىزنى يېىڭدىن ئالماشقان دوختۇر ياكى دوختۇرخانىغا تونۇشتۇرۇش ھوقوقىغا ئىگە.

كېسەل بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈش توغرا. ئەمما ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى دوختۇغا ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىش تېخىمۇ مۇھىم. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىرگە ياشايدىغان يۇقۇملانغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىگە ئالاقىدار تىببىي بىلىملەرنى ئىگەللەش ئىنتايىن زۆرۆر.
--- يۇقۇملانغۇچى لاۋشۇ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر