• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز كېسەللىكى دورا تۈرلىرىنى ئېنىق تونۇپ، دورىنى توغرا ئىشلىتىش

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: AIDS داۋالاش قوللانمىسى | ۋاقتى: 2018/04/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

دورا تۈرلىرىنى ئېنىق تونۇپ، دورىنى توغرا ئىشلىتىش

دورىنى توغرا ئىشلىتىش سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. سىز كېسەل بولغاندا، كۆپ خىل دورىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر دورىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلسىڭىز، سالامەتلىكىڭىزنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، ھەمدە دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىنى (مەسلەن: جىگەر زەخىملىنىشىنى) ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈگىلى بولىدۇ. سىزنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان دورىلىرىڭىزگە قارىتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارنى ئىگەللىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم:
سىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان دورىلار كېسەل سەۋەبىگە قارىتا بىرىلگەنمۇ ياكى پەقەت ئالامىتىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بىرىلگەنمۇ؟

 ئالامەتنى يېنىكلىتىشكە قارىتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار

ئاغرىق توختىتىش دورىسى، رىئاكسىيە چەكلىگۈچى دورىلار، قۇسۇشقا قارشى دورىلار ۋە تېنىچلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىۋاستە كېسەللىككە قارىتا بىرىلگەن دورىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


كېسەللىك سەۋەبى                                              دورىلار
باكتېرىيە                                                  ئانتىبىئوتىك دورىلار
تۇبېركىليۇز                                              تۇبېركىليوزغا قارشى دورىلار
زامبۇرۇغ تۈرىدىكىلەر                                زامبۇرۇغقا قارشى دورىلار
قاپارتقۇ∕بەلۋاغسىمان قاپارتقۇ                      قاپارتقۇنى داۋالايدىغان دورىلار
HIV                                                       ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار
پارازىت قۇرت                                          پارازىت قۇرۇتقا قارشى دورىلار

پەقەت دورىنىڭ سىرتقى شەكلىگىلا قارىماڭ، چۈنكى ئوخشاش بولمىغان دورىلارنىڭمۇ سىرتقى شەكلى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن.

ئىسىڭىزدە بولسۇن: بارلىق ئىشلىتىۋاتقان دورىلارنىڭ نامىنى ئىسىڭىزدە ساقلاڭ. ئەگەر سىز دورىنىڭ ئىسمىنى ئوقىيالمىسىڭىز، كېيىن ئىشلىتىشكە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن خاتىرلىۋېلىڭ ياكى قېپىنى ساقلاپ قويۇڭ.

سىز يەنە بىلىشكە تېگىشلىك بىر قانچە ئىشلار:

1. ئالامەتلەرنى يېنىكلىتىدىغان دورىلارنى پەقەت ئالامەت كۆرۈلگەندىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئالامەتلەر يوقالغان ھامان توختىتىش كېرەك. مەسىلەن: قۇسۇشقا قارشى دورىلارنى كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش ئالامەتلىرى يوقالغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.

2. كېسەل سەۋەبىگە قارىتا بېرىلگەن دورىلارنى تولۇق بىر داۋالاش باسقۇچى ئىچىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش باسقۇچىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىماردىكى ئالامەتلەر يوقالسىمۇ يەنە داۋاملىق دورا ئىشلىتىشى كېرەك. مەسلەن: خالتا قۇرتلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشقا ئۈچ ھەپتە، تۇبېركىليۇزنى داۋالاشقا ئالتە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. پۈتكۈل داۋالاش باسقۇچىدا دورىنى توغرا ئىزچىل ئىشلەتكەندە، دورا كۈرۈشمەسلىك شەكىللىنىپ، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

3. ئىچىدىغان دورىنىڭ مىقدارى ئادەتتە بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ.

4. ئىچىدىغان دورىلارنى ئىچىش، بەدەن سىرتقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى بەدەن سىرتقا ئىشلىتىش، ھەرگىزمۇ ئارىلاشتۇرۇەتمەسلىك كېرەك.

5. كېسەلگە قارىتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش لازىم. بىمار ئالامەتلەرگە قاراپلا، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقىرىپ دورا ئىشلەتسە ئاقىلانىلىق ھېساپلانمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش، لېكىن ئوخشاشىمىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسلەن: ئۈچەي يولى تۇبېركىليۇزى بىلەن ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما داۋالاشتا ئوخشاش بولمىغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر