ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: AIDS داۋالاش قوللانمىسى | ۋاقتى: 2011/10/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئىسكەندەر جېلىل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەتئېلى ئوبۇل | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىپ  CD4 ھۈجەيرە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۇزۇقلىنىشمۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ (بۇ ئىنتايىن مۇھىم).
 

ئۇنداقتا، ئەيدىز ۋىرۇسى  (HIV) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دېققەت قىلىشى كېرەك؟

 

يۇقۇملانغۇچىلار ئۇزۇقلانغاندا چوقۇم يېمەك-ئىچمەكنىڭ موللىقىغا، بولۇپمۇ ئاغرىپ قالغاندا ئۇزۇقلىنىشقا، يېمەك-ئىچمەك تازلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
كۆپ يېيىش:
يېڭى مېۋە-چىۋىلەر، سەي-كۆكتات، دانلىق زىرائەتلەر(مەسلەن: گۈرۈچ، بۇغداي، ئارپا، قۇناق قاتارلىقلارنى)، ئۇن تۈرىدىكى تاماقلار ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بىرىش كېرەك.
ئاز يېيىلىدىغان ۋە پەرز تۇتىلىدىغان نەرسىلەر:
ھاراق، تاماكا، ئاچچىق-چۈچۈك قاتارلىق غىدىقلىغۇچى ۋە خام ياكى يېرىم خام يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى ياكى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

ساغلام ماي ۋە يېرىم ساغلام ماي: ماي بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئوشۇقچە ئېنىرگىيە. ئەمما ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇندىن باشقا سىز ئىستېمال قىلغان مايلار «ساغلام» ۋە «يېرىم ساغلام» دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەردىن خۇاسىڭ، ياڭاق ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى تويۇنمىغان مايلار ۋە بېلىق تەركىبىدىكى مايلار بەدەنگە ئاسان قوبۇل قىلىنغاچقا، ساغلام مايلارغا تەۋە بولىدۇ. ئەمما كالا يېغى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىكى تۇيۇنغان مايلار بولسا بەدەنگە ئاسان قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئاسان بەدەنگە يىغىلىۋالىدۇ. شۇڭا بۇلار «يېرىم ساغلام مايلار»غا تەۋە بولىدۇ.

يېرىم ساغلام ماي (亚健康脂肪)      ساغلام ماي(健康脂肪)

كالا يېغى                                              خۇاسىڭ مېيى

يەنە نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر