«4 كەچۈرۈم، 1 غەمخورلۇق قىلىش» سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش | ۋاقتى: 2011/10/31 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئېلزاد ئابدۇلھەق | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

«تۆت كەچۈرۈم، بىر غەمخورلۇق قىلىش» سىياسىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

ئەيدىز توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىشنى ۋە تەكشۈرۈتۈشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلغان بارلىق كىشىلەر ئۆلكە، شەھەر ۋە ناھىيىلەردىكى ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدە ۋە ھەردەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى كۆرسەتكەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ھەقسىز مەسلىھەت ئالىدۇ ۋە ھەقسىز دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ.
يېزا–بازار ئاھالىلىرىدىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىگە قاتناشمىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئىچىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ.


ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارغا شۇ يەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دوختۇرخانا ياكى ئانا–بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى سالامەتلىك توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدۇ. تۇغۇتتىن ئاۋۋالقى يېتەكچىلىك خىزمىتى ۋە تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بوۋاقنى ئانىدىن ئايرىش دورىسى ۋە بوۋاقنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرىنى دەل ۋاقتىدا ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق راسخوت توپلاپ، ئەيدىز سەۋەبىدىن يېتىم قالغان بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئۇلارنى ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ شارائىتىغا ئېرىشتۈرىدۇ. ھۆكۈمەت تۇرمۇشتا قىيىنىلىپ قالغان ئەيدىز بىمارلىرىنى ھۆكۈمەت پاناھلاندۇرىدىغانلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ ھەمدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقاتمىغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر