ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەيدىز تورى | ۋاقتى: 2011/10/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: مەۋلان ئەبەيدۇللا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەلداۋا ئىلاۋىسى: ئەيدىز يۇقۇمدارى ھېسابلانغان دىلنار (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ۋە شىيا شىيۇ(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپ كىشىلىرى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا نىسبەتەن قانداق پۇزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك؟ دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-سىياسەتلىرىنىڭ روھىنى قانداق ئىجرا قىلىش كېرەك؟ مانا بۇلار جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر بىر كىشى چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر. تۆۋەندە بىز بۇھەقتىكى بەزىبىر ئەھۋاللارنى كۆرۈپ باقايلى!

  شىيا شىيۇ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مېنىڭ گىرىپتار بولغىنىم راك ياكى باشقا يۇقمايدىغان كېسەل بولغان بولسا، بالام بەلكىم بۇرۇنلا بېقىۋېلىنغان بولاتتى، دەل بۇ كىشىلەر تىلغا ئالسا چىرايى ئۆڭۈپ كېتىدىغان ئەيدىز كېسىلى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى "ئارىسالدى" قىلىپ قويدى.»
 «شىيا شىيۇ يولۇققان كۈلپەت گەرچە ئادەمنى ئېچىندۇرسىمۇ لېكىن بۇ ئىش مۇتلەق كۆپ قىسىم جەمئىيەت ئەھلىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان ئىنكاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. گەرچە بالا بېقىۋېلىشنى خالىغان ئائىلىلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولىغا نىسبەتەن چۈشەنچە ئېنىق، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بالىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىگە چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتى بار بولسىمۇ لېكىن ئۇلار يەنىلا كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان خەۋپ-خەتەردىن ئەنسىرەيتتى: بىرى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەسلىسى، مۇبادا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىمارى ئىكەنلىكىنى باشقىلار ئۇقسا ناھايىتى ئاسانلا بالا بىقىۋالغان ئائىلىگە نىسبەتەن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەر  خىل نەزەردە قارىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، ئاتا-ئانىسى ھايات بولغاچقا، گەرچە يېڭى مۇناسىۋەت قۇرۇلغان بولسىمۇ ئەسلىدىكى ئانا-بالا مېھىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ بىقىۋالغان ئائىلىگە نىسبەتەن بىر خىل خەۋپتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆڭلىدە يەنىلا كېسەللىك خەۋپى بار- يوقلۇقىغا ئىشەنچ قىلالماي ئەنسىرەش بولىدۇ.» دەيدۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى تۇرغۇنجان.


 تۇرغۇنجاننىڭ ئېيتىشىچە: «تېگى –تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىش مەسلىسى». جەمئىيەتنىڭ ئەيدىز كېسلىگە نىسبەتەن كەمسىتىش كۆز-قارىشى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان جەمئىيەت-مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە، گەرچە دۆلىتىمىز ھەرقايسى ئورۇنلار ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەشۋىقات خىزمىتىگە بولغان مەبلەغ سالمىقىنى ئاشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى ئاممىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر