تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا....

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى | ۋاقتى: 2011/12/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردىكى ئۈچ چوڭ يۇشۇرۇن خەۋپ
تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردىكى ئالتۇن رەك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى قەيەردىن كېلىدۇ؟ بۇ ئادەم بەدىنىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئۇن ۋە گۈرۈچ تۈرىدىكى تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر (تۈگرە قاتارلىقلار) گە نىسبەتەن ئالتۇن رەڭ ئۈزۈمسىمان باكتېرىيىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى مۇنداق ئىككى خىل بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچىسى، ماتېرىيال گۆشىنى توغراش جەريانىدا پەيدا بولۇش. ئىككىنچىسى، يېمەكلىكلەرنى تەييارلىغۇچىلار ئېلىپ يۈرگەن باكتېرىيىسىدىن پەيدا بولۇش. ئەگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئالتۇن رەڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەندە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئۈستۈنكى قورساق مۇجۇپ ئاغرىش ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا كوللاپىس، ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش ۋە ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بىراق بۇ خىل ھالەت بىر ئىككى كۈندە ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
تېز توڭلىتىلغان قىيىملىق يېمەكلىكلەرنىڭ خەتىرى ئەڭ چوڭ
تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر، قىيمىلىق يېمەكلىكلەر، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، كۆكتات ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئوخشىمىغان تۈردىكى تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەر دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.
تېز توڭلىتىلغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئاسانلا كېسەللىك باكتېرىيىسى پەيدا قىلىدۇ. تېز توڭلىتىلغان كۆكتاتلار ئەڭ بىخەتەر.
تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا .....
ئايرىم ئورالغان، توڭلاتقۇنىڭ ئاستىغا قويۇلغانلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش، تاللا بازىرىغا كىرىپ مال سېتىۋالغاندا، تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ئاخىرىدا سېتىۋېلىش كېرەك. تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشتا كۆزىتىش ئەڭ مۇھىم. توڭلاپ قالغان، قىروۋ باغلىغان، سارغىيىپ، قارىداپ، قىزىرىپ قالغان گۆش تۈرىدىكى توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. يېقىندا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك. تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى چوقۇم ئورالمىسىغا يېزىلغان چۈشەندۈرۈش بويىچە پىشۇرۇپ، ئىستېمال قىلىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر