ئەي قىز، تازىلىق قەغىزىنى توغرا ئىشلىتىۋاتامسىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: خەلق تورى | ۋاقتى: 2011/12/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 09 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 09

 قىز ئاياللار سەزگۈر ئاجىز تىپقا كىرىدىغان بولۇپ، ئالاھىدە كۈتۈنۈشكە موھتاج. ھەر ئايدا خانىم قىزلار بىر قىسىم تازىلىق بويۇملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، بەزىلەر ھەتتا ھەر كۈنى بۇ خىل بويۇملارنى ئىشلىتىدۇ. قانداق قىلغاندا بۇ ئاياللارغا خاس بويۇملارنى توغرا ئىشلىتىپ سالامەتلىكىنى ئاسراش ھەر بىر خانىم قىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر.
بىرىنچى: تازىلىق قەغىزىنىڭمۇ ساقلاش مۇددىتى بولىدۇ.


ھەر قېتىم تاللا بازىرىغا كىرگىنىمىزدە ئوخشىمىغان ماركىدىكى، ئوخشىمىغان شەكىلدىكى قەغەزنى كۆرىمىز. ئۇنداقتا سىز قەغەزنى قانداق تاللايسىز؟ بىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال قارايدىغىنىمىز، ساقلاش مۇددىتى. تازىلىق قەغىزى، ئاسىرىغۇچ (护垫)، ھەيز پاختىسى قاتارلىق تازىلىق بويۇملىرىمۇ باشقا يېمەكلىك قاتارلىق تاۋارلارغا ئوخشاشلا ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە ئىشلىتىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلمايدۇ. بىز ئادەتتە تازىلىق بويۇملىرىنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا دېزىنفىكسىيەلەنگەن، باكتىرىيە يوق دەپ ئويلايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل باكتىرىيەسىز تۇرۇش ھالىتى ۋاقىتلىق بولىدۇ، شۇ مۇددەتتىن ئۆتۈپ كەتسە، باكتېرىيىسىز دەپ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تازىلىق بويۇملىرىنى سېتىۋالغاندىمۇ ساقلاش مۇددىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۇنداقتا تازىلىق قەغىزىنىڭ سۈپىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىمىز؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر