ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/01/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ياسىنجان 0997 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە كۆپ ئۇچرايدۇ
ھەر ساھەدە ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىچىدە ئەرلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ سىجىللىقى يۇقىرى، بېسىمى چوڭ بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئاسانلا ناچارلىشىپ، ساغلاملىق قىزىل چىراقلىرى يورۇپ كېتدۇ.
بىرىنچى ساغلاملىق قىزىل چىرىقى: مەزى بېزى كېسەللىكلىرى
 


سەۋەبى: ئادەتتە خىزمەت بېسىمى چوڭ بولۇش، زىيادە چارچاش، تەشۋىشلىنىش، جىددىلىشىش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ھەرىكەت ئاز بولۇش قاتارلىقلار ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ‹‹تاماق يېيىش›› كۆپ بولۇش، يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلماسلىقى، تۇرمۇش تەرتىپلىك بولماسلىق، ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار سەمىرىپ كېتىش، دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خېرىدارلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىش كۆپ بولغانلىقتىن ھاراق-تاماكا ئىستېمال مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. ھاراق-تاماكا ئىستېمال قىلغاندا مەزى بېزىگە قان تولۇپ، بۇنىڭدىن ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش ئەزالىرىدا ياللۇغلىنىش پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا جىگەردە ياغنىڭ ئارتىپ كېتىشى ۋە جىگەرنىڭ ئىسپىرتلىق قېتىۋېلىشى كېلىپ چىقىدۇ.
ئومۇمى ئەھۋالى: مەزى بېزى كېسەللىكلىرى ئەرلەر ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى قاتىلى بولۇپ، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. ھەمدە كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا %40 ئەرلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەزى بېزى كېسەللىكى بار ئىكەن. مەزى بېزى ياللۇغلىنىپ ياكى يوغىناپ كەتكەندە سۈيدۈك ۋە مەنىي توسالغۇغا ئۇچراپ بۆرەككە زەخمە يەتكۈزىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر