IT چى ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىز پەرزەنتلىك بولىدىكەن

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: شىنخۇا تورى | ۋاقتى: 2016/09/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

شىنخۇا تورى خەۋىرى، يېقىنقى كۈنلەردە « IT چى (IT كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى)  ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىز پەرزەنتلىك بولىدىكەن»  دەيدىغان پاراڭ ھەرقايسى تور -مۇنبەرلەردە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر « بالا مەيلى ئوغۇل بولسۇن ۋە ياكى قىز بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش ...» دېگەن قاراشتا بولسىمۇ، يەنىلا بەزى IT چى ئەرلەرنى غەم-قايغۇغا سېلىپ قويغان. كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە تېخى بۇ خىل قاراشنى ئىسپاتلىغۇدەك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

 


ئىگىلىنىشىچە، «IT» سۆزى ئېنگلىزچە ئۇچۇر-تور تېخنىكىسى دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال، ئىنتېرنېت تورى، ئۇچۇر سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يەردىكى «IT چى ئەر» دەل تور ئىنژېنېرى،  كومپيۇتېر رېمنونتچىسى، سانلىق ئۇچۇر باشقۇرغۇچى، ئويۇن پروگراممېر  ... قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىكەن.
مۇشۇ ساھەدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەردە، كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسى ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇللۇق جىنسىنى بەلگىلىگۈچى Y خروموسومنى زەخىملەندۈرىدۇ. شۇڭا،  IT چى ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ، دەيدىغان قاراش مەۋجۇدكەن. دەرۋەقە، بۇندىن بىر ئاز ۋاقىت ئىلگىرى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزمۇ مۇشۇ خىل قاراشقا يېقىن ھالدا « كومپيۇتېر ئەرلەرنىڭ دۈشمىنىمۇ؟ » ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىختىيارى تەكشۈرۈش

مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۇزاق مۇددەت كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلەشكۈچى 16 نەپەر ئەرنىڭ ئىچىدە 11 نەپىرى قىز پەرزەنتلىك بولغان، 5 نەپىرى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان. مەلۇم  IT كارخانىسىدىكى 2 نەپەر ئەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، يەنە كېلىپ بىرىنىڭ بىرجۈپ قوشكېزەك ئوغۇل ئىكەن. يەنە بىر  IT شىركىتىدە بولسا 4 نەپەر ئەرنىڭ 3 نەپىرى ئوغۇل پەرزەنتلىك، 1 نەپىرى قىز پەرزەنتلىك بولغان.

 

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «IT چى ئەرلەر قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ...» دېگەن قاراش ھەققىدىكى بايانلىرىغا قىزىقسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار