تاماكا سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/05/31 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 05 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

بۈگۈن 25 - قېتىملىق «دۇنيا ئىس - تۈتەكسىز كۈنى» (ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى دۇنيا تاماكا تاشلاش كۈنى)، بىر تال تاماكا تەركىبىدە 4000 خىلدىن ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا بار، بۇنىڭ ئىچىدە 69 خىل ماددىنىڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

 

 

بىر تامچە ساپ نىكوتېن ئېغىرلىقى 180~200 كېلوگىرام كېلىدىغان ئاتتىن 3 نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرەلەيدىكەن. 1 دانە پاپىرۇس ياكى ئۈچ تال سىگارت تەركىبىدىكى نىكوتىننى ئادەمنىڭ ساپ تۇمۇرىغا ئۇرسا 3~5 مىنۇتقىچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قۇيىدىكەن. ئادەتتە كىشلەر تاماكا چەككەندە، كۆپ قىسىم نىكوتىنلار كۈيۈپ، ھاۋاغا تارقىلىپ كېتىدۇ. يەنە بىر قىسمى ئىس-تۈتەكلەر تەركىبىدىكى يەنە بىر خىل زەھەرلىك ماددا فورمالىن تەرىپىدىن نېيتىراللىنىدۇ. ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرىدىغانلىرى %20 نى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا تاماكىدىن جىددى خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپ قىسىم ئەھۋال ئاستىدا، ئاستا خاراكتىرىلىك زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا ئىسى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاۋادا تارقىلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن تاماكا چەكمىگۈچىلەرمۇ ۋاستىلىك زەھەرلىنىدۇ. تۈرلۈك تەتقىقات ماتىرىياللىرىدا تاماكىنىڭ ئادەم ئورگانىزىمىدا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. %90 تىن ئارتۇق جىگەر راكى تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن ھەر 6 سېكونتتا 1 تاماكا چەككۈچى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىكەن، ئۇنداقتا شۇنچىلىك زىيانلىق تاماكىنى تاشلىماسلىققا قانداق باھانىڭىز بار؟
تاماكا كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ بىھۇدە ئىسراپچىلىق ئېلىپ كىلىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم كۈندە 5 يۈەنلىك تاماكا چەكسە، يىلىغا 1825 يۈەن پۇلنى ئىسراپ قىلىدۇ.

ئەلداۋا تەۋسىيەسى: كىشلەرنىڭ تاماكىنىڭ زىيىنىغا بولغان چۈشىنىشىنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، تاماكا تاشلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىسىمۇ، لىكىن ھەقىقىي تاشلايدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەگەر سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كىشىلىك ھاياتنى سۆيسىڭىز بۈگۈندىن ئېتبارەن ئۆزىڭىزىنىڭ تاماكا تاشلىيالماسلىقىدىن سەۋەپ ئىزدىمەڭ. بۈگۈندىن ئېتبارەن تاماكا تاشلاپ، ساغلام، بەخىتلىك تۇرمۇشقا قەدەم تاشلاڭ.

 

تاماكا ۋە سالامەتلىككە ئائىت مۇھىم يازمىلار:

 

1. سالامەتلىكنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى-تاماكا

2. تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مەنىۋى زىيىنى

3. ئەرلەرنىڭ تاماكا تاشلىشى ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشتۇر

4. تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

5. «ئۈچىنچى قول تاماكا»دېگەن نېمە؟ بەڭگىلەرنىڭ يەنە بىرزىيانكەشلىكى...

6. بەڭگە ئاغىينىلەرگە دەپ قويۇڭلار

7. تاماكا ۋە باھ ئاجىزلىق
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر