قەۋزىيەت ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/11/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 05 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئۇزاق مەزگىل قەۋزىيەت بولغاندا، ئۈچەيدىكى چىقىرىندىلار تەركىبىدىكى باكتېرىيەلەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، تۇخۇمدانغا ئوخشاش قوشنا ئەزالارغا بۆسۈپ كىرىشى مۇمكىن. يېنىك بولغاندا ئالامىتى روشەن بولمايدۇ، ئېغىر بولغاندا قورساق ئاستىنقى قىسمى ۋە بەل قىسمى ئاغرىپ، ئاق خۇن كۆپىيىپ، ھەيز مىقدارى ئارتىپ ۋە ئاغرىتىپ كېلىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاغرىق سېزىمى كۈچىيىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىش سەۋەبلىك توسۇلۇپ، ئىسپېرمىنىڭ بۇ نەيچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە، پەرزەنت كۆرەلمەسلىك يەنى تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ.

بەزى قىز-ئاياللار قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا، دائىم سۈرگە دورىلارنى ئىشلىتىدۇ، گەرچە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەرەت راۋانلاشقاندەك قىلغان بىلەن، ئەمما ئۈچەيدە دورىغا تايىنىشچانلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ-دە، دورا ئىستېمال قىلىش توختىتىلغان ھامان قەۋزىيەت يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، تەرەتنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزىراپ، قوشنا بولغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە تۇخۇمدانغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

 


بۇندىن باشقا يەنە، تېببىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە ، ئۇزاق مۇددەت قەۋزىيەت بولغان ئاياللار سۈت بېزى راكىغا ئاسان گرىپتار بولىدىكەن. قەۋزىيەت بولىدىغانلارنىڭ چوڭ تەرىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان ماددا بار ئىكەن . تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان ماددا بىلەن بىر نەچچە خىل راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلار ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان . تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلدىغان ماددىلار ئۈچەي يوللىرىدا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن قان ئايلىنىش جەريانىدا سۈت بېزى توقۇلمىلىرىغا سىڭىپ كىرىدىكەن ، نەتىجىدە سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشىدىكەن .
قىسقىسى، قەۋزىيەت ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قاتتىق ھەزەر قىلىش، ئەگەر قەۋزىيەت بولسا ۋاقتىدا ئىلاج قىلىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر