H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2013/04/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05


H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى دېگەن نېمە؟
يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى A، B، C ئۈچ خىل تىپلىق بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە A تىپىلىق يۇقۇملۇق زۇكام زۇكام ۋىرۇسىدىكى قان ئۇيۇتقۇچى ئاقسىل (HA) نىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ 16-1 گىچە بولغان كىچىك تىپلارغا ئايرىلىدۇ؛ يەنە بىر تۈرلۈك ئاقسىل (NA) نىڭ ئوخشماسلىقىغا قاراپ 9-1 گىچە بولغان كىچىك تىپلارغا ئايرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى تىپنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىچىك تىپلىرى ئۆزئارا بېرىكىش ئارقىلىق 144 خىل ئوخشاش بولمىغان يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى دەل مۇشۇ زۇكام تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر ۋىرۇس قۇشلاردىن بايقالغان بولۇپ، گوللاندىيە، ياپونىيە  ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇشۇ خىل قۇش زۇكىمى تارقالغان. ئەمما، ئادەملەر ئارىسىدا يۇقۇملىنىش كۆرۈلمىگەن.

 


H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟
قولنى كۆپ يۇيۇش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى بولغان بەدەن ساپاسى ۋە كەيپىياتنى ساقلاش، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش يۇقىرىقى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە قەغەز ياكى قولياغلىق بىلەن ئاغزى-بۇرنىنى توسۇۋېلىش ئارقىلىق باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۆلگەن ياكى كېسەل بولغان ئۆي قۇشلىرى، ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشمىغان ئەۋزەل.

يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە توخۇ، كەپتەرگە ئوخشاش ئۆي قۇشلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولامدۇ؟ (كېيىنكى بەتكە قارالسۇن!)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر