ئاجىزلاپ كەتكەنلەرنى ئائىلىدە پەرۋىش قىلىش

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2013/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا) | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا)

ﭼﻮﯓ ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﺴﯩﻴﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﺎﻥ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﺋﯩﻤﻮﻧﯩﺘﻰ ﺗﯘﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻼ ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﮔﯩﻠﻰ ﯞﻩ بەزى بىر ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﻛﯜﺗﯜﺵ) ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ پايدىلىنىشىڭلارغا ﺳﯘﻧﺪﯗق.

 


1. ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﻮﻗﺘﯩﻼﺭ .
( 1 ) ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ، ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ، ﺗﯜﺯﻩﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ، ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﯗﻕ، ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ .
(2) ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﺩﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ - ﻛﯚﺭﭘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ، ﻳﺎﺳﺘﯘﻕ ، ﻟﯚﯕﯖﻪ ، ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ، ﺋﯧﻘﯩﺶ ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
(3) ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻠﯩﺮﻧﻰ ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻧﻰ ، ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯩﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﭺ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻧﻰ ، ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﻧﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ - ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯜﺯﻩﭖ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
(4) ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ، ﯞﺍﺭﺍﯓ ﭼﯘﺭﯗﯕﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﻐﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﭼﯘﭼﯩﺘﯩﯟﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ .
(5) ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺯ - ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ، ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ، ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺧﺎﺗﺎ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.
(6) ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ - ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ.
(7) ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﭘﺎﺭﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻭﮬﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻠﯩﻨﯩﭗ، پىسخىلوگىيىلىك ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﻩ ﺗﯩﺰﻻ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

2. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﺮﻯ (كېيىنكى بەتكە قارالسۇن!)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار