ھامىلىدار ئاياللارغا ئىككى كەلىمە سۆز

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2013/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: گۈلنۇر ئابلىمىت (ئارچا) | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: گۈلنۇر ئابلىمىت (ئارچا)

ساغلام بولۇش پەقەت كېسەل بولغاندىن كېيىن داۋالىنىشلا بولماستىن، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ھەتتا تۆرۈلىشتىن بۇرۇنلا باشلانغان بولىدۇ.  ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ۋە قورساقتىكى بالىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئويلىسا نۇرغۇن جەھەتلەردىن دىققەت قىلىشى كېرەك.

 


ياخشى تاماقلارنى يىيىش بىلەنلا مۇۋاپىق ئوزۇقلاندىم دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھازىرقى يىمەكلىكلىرىمىزدىكى خىمىيىلىك تەركىپلەر ۋە دېھقانچىلىق دارىلىرىنىڭ تەسىرىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم بوۋاقلار قورساقتىكى چېغىدىلا نۇرمال يىتىلمەيدىغان، نۇرمال تەرەققىي قالمايدىغان، ياكى قورساقتا ئۆلۈپ قالىدىغان ئىشلار كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ يەنە باشقا سەۋەبلىرى شۇكى؛ ئانىنىڭ تېنى ئاجىز بولۇش، تۇرمۇش ئادىتى رەتسىز بولۇش، سالامەتلىكى ناچار تۇرۇپلا توي قىلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈمەستىنلا ھامىلدار بولۇش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق، يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدىمۇ قالايمىقان بولۇش، سېزىكتىن ۋاقتىدا چىقالماسلىق، جىددىيلىشىش، ئورۇنسىز ئەنسىرەش، بەدىنىدە يۈز برىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرگە ۋە سىگناللارغا سەل قاراش، قىسقىسى بالىلىق بولۇشقا تەييارلىقى پۇختا بولماسلىق ھەمدە ساغلاملىق سەۋىيىسى يىتەرسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

ھامىلدار ئاياللار زادى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ (كېيىنكى بەتكە قارالسۇن!)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار