دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرلىرى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2013/08/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 05 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

* 80يىل داۋاملاشتۇرۇلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھەر قانداق ئىشنى ئەستايىدىل قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان ئادەملەر ئىشنىڭ ھەر قانداق بىر ھالقىسىغا ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە ساغلاملىقنى ئاسراشقا ماھىر بولۇپ، سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىكەن، بۇنداق   ئادەملەرنىڭ   كىشىلىك  مۇناسىۋىتى  مۇستەھكەم، مۇۋەپپەقىيەت  قازىنىش  پۇرسىتى كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، تېنى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن.

 

 

رەسىمدىكى مۇماي، جۇڭگۇنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئۆمۈر چولپىنى، 127 ياشلىق موماي ئالمىخان سىيىت بولۇپ، 1886-يىلى  قەشقەر يىڭى شەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. موماي ئالمىخان سىيىتنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى ياخشى، ناخشا ئېيتىشقا، يۇمۇر ئېيتىشقا ئامراق، ئەڭ ياقتۇردىغىنى بولسا بازار ئايلىنىش، ئادەتتە ئۆيدە باللىرىغا ياردەملىشىپ بالىغا قاراش، تۈگرە تۈگۈش، قۇمۇش بورا تۇقۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.

* ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان تەتقىقات  نەتىجىسىدە  كۆرسىتىلىشىچە: دوست تۇتۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. دوستى ئاز كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياشانغانلار ئارىسىدىكى «دوست تۇتۇش چولپانلىرى» نىڭ كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىكەن.
* دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزمونى ئوخشاش، شەكلى ھەر خىل تەتقىقاتلار ئوخشاش نەتىجە بەردى: سەمىرىپ كېتىش ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى يۇقۇچان كېسەل بولۇپ قالغان، ئەگەر دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا بىرەرى سەمىرىپ  كېتىدىغان   بولسا، ئۇنداقتا  سىزنىڭ سەمىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىڭىز % 57 كە  يېتىپ  قالىدىكەن، شۇڭا  ئۇزۇن  ئۆمۈر  كۆرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى تۇرمۇش ئۇسۇلى دۇرۇس، ساغلام كىشىلەرنى   تاللاپ دوستلىشىش بەك مۇھىمدەك قىلىدۇ.
 *ئەنگلىيەدە نەق 50 يىل داۋام قىلغان بىر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى مۇنداق بولدى: 30 ياشتا تاماكا تاشلاش ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 10 يىل ئۇزارتىدۇ، 40 ياش، 50 ياش ۋە 60 ياشتا تاماكا تاشلاشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ئۈنۈمى ئايرىم- ئايرىم ھالدا توققۇز يىل، ئالتە يىل ۋە ئۈچ يىل بولىدۇ.
* چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق. 24 مىڭ پىدائىي ئۈستىدە نەچچە ئون يىل داۋاملاشتۇرۇلغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى چۈشتە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەنلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى % 37 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
 
*تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن كۆكتات ۋە باشقا تۆۋەن ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىك ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار ئىكەن. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ غىزالىنىش ئادىتىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا، ئۇلار «سەككىز ئۆلۈش تويغىچە تاماقلىنىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچى، دەپ بىلىدىكەن.
*مەزمونى  ئوخشاش، شەكلى ھەر خىل تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە  كۆرسىتىلىشىچە، توي قىلغانلار بويتاقلارغا قارىغاندا ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرىدىكەن. ناھايىتى ئېنىقكى، توي قىلىش بارلىققا كەلتۈرگەن كەڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىقتىسادىي تىرەك ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر