مەزى بېزىنى ئاسىراشتىكى «3 ياخشى پرىنسىپ»

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: 未知 | ۋاقتى: 2011/08/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

بىرىنچى ياخشى پرىنسىپ: ياخشى يېيىش
نېمە تولۇقلاش كېرەك؟ مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار (微量元素)دىن سىنك ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ (抗氧化剂) بۇلارنىڭ ھەممىسى مەزى بېزى (前列腺) نىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.


نېمە يېيىش كېرەك؟
ئەرلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئۇرۇق گۆش، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئاق گازىر، خۇاسىڭ مېغىزى، كاۋا مېغىزى ۋە كۈنجۈت قاتارلىقلار ئىمكانقەدەر كۆپرەك بولۇشى، ئادەم بەدىنىنىڭ سىنكقا بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك. بەزى قارا ئاشلىق (粗粮)، ئۇرقچىسىمان مېۋە، ئۆسۈملۈك مېيى، يېڭى سەي-كۆكتاتلار ۋە مېۋە-چېۋىلەر بولسا ھەر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋنى تۇلۇقلايدۇ.

 

يېيىشكە ماس كەلمەيدىغانلار: ھاراق، قىزىلمۇچ قاتارلىقلار ۋە تاماكا قاتارلىقلار گەرچە بىۋاسىتە ھالدا مەزى بېزى كېسەللىكىنى قوزغىمىسىمۇ، ئەمما مەزى بېزى ۋە سۈيدۈك يولىغا نىسبەتەن غىدىقلاش رولى بار بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئەۋرەت قىسىمى بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سىرت يەنە مەزى بېزى ۋە دوۋساق بوينىغا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىش، سۈيدۈكنىڭ راۋان بولماسلىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭابۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئۇزۇقلۇقنى ھەرگىزمۇ دورا ئورنىدا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ دورا يېيىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. مەزى بېزى يوغىناشنى داۋالىغۇچى كۆپىنچە دورىلارنى ئاساسەن كۈندە يېيىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىر ۋاقمۇ قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ئىككىنچى ياخشى پرىنسىپ نېمىدۇ؟ بىلمىسىڭىز يازما داۋامىغا قاراڭ...

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر