ب د ت: ھېلىھەم نەپەس ئېلىۋاتامسىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/02/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

بۈگۈن، يەنى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاماكىنى تېزگىنلەش رامكا كېلىشىمى» كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، تاماكىنى تېزگىنلەش جەھەتتە ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتنىڭ كۆپلىكى، مەنىزلىنىڭ تېخى ئۇزاق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 


ئۆتكەن 10 يىلدا، مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان 180 دۆلەتنىڭ %80 ى تاماكىنى تېزگىنلەشكە دائىر قانۇنلارنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى؛ بىر قاپ تاماكىنىڭ باھاسى %150 ئۆستۈرۈلدى؛ %85 تاماكىنىڭ قېپىغا تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئەسكەرتىش بېرىلدى؛ كۆپلىگەن ئەللەر جامائەت سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى چەكلىدى. مەزكۇر كېلىشىم ب د ت تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئىمزا قويغان، ئەڭ كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن كېلىشمنامىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما ئەپسۇسكى، خەلقئارا تەشكىلاتلار زور مىقداردىكى تېزگىنلەش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، دۇنيا مىقىياسىدا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانىدا ئازىيىش كۆرۈلگىنى يوق. ب د ت تەمىنلىگەن ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە:

ھازىر دۇنيادا 1 مىليارت ئادەم تاماكا چېكىدىكەن، ھەر 6 ئالتە ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 ئادەم تاماكا چېكىدىكەن. ئەرلەرنىڭ %31 ى، ئاياللارنىڭ %6 تاماكا چېكىدىكەن.
جۇڭگودىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ سانىلا 300 مىليۇندىن ئارتۇق بولۇپ، دۇنيادىكى بەڭگىلەردىن ئۈچتىن بىر ئۈلۈشىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
جۇڭگودا ھەر يىلى 1 مىليۇن ئادەم تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر 30 سىكۇنىتتا 1 بەڭگە، ھەر كۈنى 3000 بەڭگە تاماكا تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قول تاماكىنىڭ خەۋپىمۇ زور بولۇپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقى زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %70 ى بىۋاسىتە بەڭگىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ.
بىر تال تاماكا تەركىبىدە 4000 خىلدىن ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 90 خىل ماددىنىڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. تاماكا ئۆپكە راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، يۇتقۇنچاق راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، جىگەر راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، بۆرەك راكى، دوۋساق راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەب.
دۇنيا بويىچە ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگۈچى ئەرلەرنىڭ %80 ىنىڭ، ئاياللارنىڭ %50نىڭ، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگۈچى ئومۇمىي ساننىڭ %70 نىڭ ئۆلۈش سەۋەبى دەل تاماكا چېكىشتۇر.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر