يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2016/09/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئايبارس | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئۆسمە راكتىن قالسىلا، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئىككىنچى چوڭ قاتىل ئىكەن. تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى، يۈرەك قان تومۇركېسەللىكلىرى بۇرۇن ياشانغانلار ئارىسىدا كۆپرەك بولسا، ھازىر بارغانسېرى ياشلىشىشقا تەرەققىي قىلىپ، ھەتتا 30 ياشتىمۇ بۇ خىل كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈشى كۆپەيمەكتە، ئەمسە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى نېمە؟



قاندا ماي يۇقىرى بۇلۇش

ئىستېمالىمىزدا ياغ ۋە مايلارنىڭ كۆپلەپ ئىستېمال قىلىنىشى ۋە بۇلارنىڭ بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن پارچىلانماي قان تومۇرلاردا كۆپلەپ ئېقىپ يۈرۈشى قاندا ماي، ياغ، خولىستىرلارنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب. بۇسىمىزلىك، جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىستېمال قىلغان يېمەكلىك تەركىبىدىكى ماي كۆپ بولغاندا، بەدەندىكى ماي پارچىلىغۇچى ئېنزىم ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولمىسا ۋە ئىستېمال قىلىش سۈرئىتىگە يىتىشەلمىسە بۇ بىۋاسىتە ماي ۋە ياغلارنىڭ پارچىلانمايلا قان-تومۇرلارغا ئېقىپ كىرىشىنى ۋە قان تومۇرلاردا كۆپلەپ دۆۋلىنىپ ئاخىرىدا ماي مېتابولىزىمىنى ياخشى بولماسلىقىدىن سېمىزلىك، جىگەرنى ماي قاپلاش، ئارتېرىيە قېتىش ۋە سەكتە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم

يۇقىرى قان بېسىم مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولغان سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ قاتىل. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ يۇقىرى قان بېسىمى بارلار چوقۇم سەكتە بولىدۇ ۋە ياكى سەكتە چوقۇم يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بىراق بۇ يەردىكى سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىنىتايىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. قان تومۇرلاردا ئېرىمەيدىغان ئەخلەت ۋە مايلارنىڭ ئېنزىمنىڭ نورمال پارچىلاش ۋە بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىش تۈپەيلىدىن قان تومۇرلار دىۋارىدا ئەخلەتلەرنىڭ يىغىلىپ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ قېلىنلىشى ۋە قان سۇيۇقلۇق مېڭىشقا تېگىشلىك بوشلۇق كىچىكلەپ كېتىش تۈپەيلىدىن، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشكەن بېسىم ئارتىپ يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك-مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى يۇقىرىلىتىدۇ.

قان-تومۇرلاردىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ ۋە ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيۇشۇپ قالغان قالدۇق ماددىلار قاننىڭ نورمال ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە قان-تومۇرنىڭ مەلۇم جايلىرىدا توختاپ قىلىپ، قان ئايلىنىشنى بەلگىلىك دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىتدۇ. بىز بۇ ئۇيۇشۇپ قالغان قالدۇق ماددىلارنى قان نوكچىسى دەپ ئاتايمىز. قان نوكچىسىمۇ ئوخشاشلا قاندىكى پارچىلىغۇچى ۋە ھەزىم قىلغۇچى ئېنزىملارنىڭ نورمال پارچىلاش ۋە ھەزىم قىلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنىڭ دۆۋلىنىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئەخلەتتۇر.

ئارتېرىيە قېتىشىش

ماي مېتابولىزمىنىڭ ياخشى بولماسلىقتىن ئارتىپ كەتكەن خولېستېرىن ئاستا-ئاستا قان تومۇر دىۋارىغا يېپىشىپ، قان-تومۇر دىۋارىنى قېلىنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، قان-تومۇردىۋارىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر ئېنزىمنىڭ بۇ ئەخلەتلەرنى پارچىلاش ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، قان تومۇردىۋارىنىڭ چۈرۈكلۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن قان-تومۇر دىۋارلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ. بۇ نەق بىز دەۋاتقان ئارتېرىيە قېتىشىشتۇر.

تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، دىيابېت، سېمىزلىك قاتارلىق ئامىللارمۇ يۈرەك قان-تۇمۇركىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبتۇر. ئېنزىم ئىنتايىن ياخشى بولغان قان تازىلىغۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ. ئەتىياز، كۈز پەسىللىرى نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنىڭ كۆپ قوزغىلىدىغان پەسلى. شۇڭا بۇ مەزگىلدە پەسىل ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ئېنزىم قان-تومۇرلاردىكى خولېستېرىن، قان نوكچىسى ۋە ئەخلەتلەرنىڭ پارچىلىنىش مېتابولىزىمىنى تېزلىتىپ يۈرەك قان-تومۇركېسەللىكلىرى، سەكتە، يۇقىرى قان بېسىملارغا ئىنتايىن ياخشى بولغان داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن سىرت ئېنزىم بەدەندىكى نۇرغۇنلىغان ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغاچىقىرىپ تاشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۈنۈملۈك ھالدا قان-تومۇردىكى قاننوكچىسى، ئەخلەتلەرنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق ھالدا ئېنزىم تولۇقلاش قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر