چاچنىڭ ئوزۇقى — تۇخۇم

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق سالونى | ۋاقتى: 2016/09/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 

تۇخۇمنىڭ چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، چاچ ئۆستۈرۈش رولى بار ، چۈنكى تۇخۇم تەركىبىدىكى مېتوفىننىڭ ئاممونى كىسلاتاسى ئىشلەپچىقارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . فېنوسىن چاچ ئاقسىل ماددىسىنىڭ %14 ىنى ئىگىلەيدۇ . ئۇ چاچنى مۇستەھكەملەپ ، يۇمشاق ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە . بۇنىڭدىن باشقا تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B2 نىڭ مىقدارى كۆپ . چاچ تۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، كۆپىيىشى ، ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ . ۋىتامىن B2 يېتىشمىسە چاچ ھۈجەيرىلىرىنىڭ رولى بالدۇرلا توختاپ قېلىپ چاچ چۈشۈشكە باشلايدۇ . باش تېرىسى سوغۇق سېزىلىدىغان، چېچى چۈشۈپ شالاڭلىشىۋاتقان كىشلەر ھەر كۈنى بىردىن تۇخۇم يەپ ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك . تۇخۇم بىلەن باشقا يېمەكلىكلەر بىرىككەندە ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ . تۇخۇم تەركىبىدە فوسفور بار . فوسفور بەدەننىڭ كالتسىينىسۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

لېكىن فوسفورنىڭ ئېشىپ كېتىشى بەدەندە كالتسىينىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۇستىخانغا ، چىشقا تەسىر كەلتۈرىدۇ . شۇڭا تۇخۇم يېگەندە كالتسىي ماددىسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىك (مەسلەن ، راك ، بېلىق ، كالا سۈتى ، دېڭىز ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق) لار بىلەن بىللە يېيىش كېرەك . تۇخۇم يەنە كىسلاتالىق يېمەكلىك بولۇپ ، ئەگەر كۆكتات قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر