دىققەت! سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك 14 خىل كېسەللىك

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمالدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە سېمىزلىك بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا.
1. تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇر كېسىلى 冠心病
2. قىزىل قان تومۇر يەنى ئارتېرىيە قېتىشىۋېلىش 动脉硬化
3. يۇقىرى قان بېسىمى  高血压 
4. مېڭە قان تومۇر كېسىلى 中风
5. دىيابېت كېسىلى 糖尿病
6. ئۆتتە تاش بولۇش قاتارلىق ئۆت كېسەللىكلىرى 胆囊炎,胆囊结石
7. مايلىق جىگەر كېسىلى  脂肪肝
8. ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش  睡眠呼吸暂停综合症
9. ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى (肺活量受限)
10. سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى  关节炎
11. ئاياللارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى  结肠癌
12. قىزىل ئۆڭگەچ راكى  食道癌
13. بۆرەك راكى  肾癌
14. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 8 جىڭ ياكى 4 كىلودىن ئېشىپ كەتكەندە بوۋاقنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

ساغلام بولغان بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ھەققىدە ئەلداۋادىن 7 تەۋسىيە
1. ھەر كۈنى 8 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش
2. ھەر كۈنى چوقۇم ناشتا قىلىش، قىلغاندىمۇ ئوبدان قىلىش
3. ھەر كۈنى 60 مىنۇت ئەتراپىدا پىيادە مېڭىش
4. ھەر ھەپتىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تۇرۇش
5. ھەر كۈنى يېگەن غىزانى خاتىرىلەش، بولسا ئېنېرگىيە مىقدارىنى ھېسابلاپ خاتىرىلەش
6. يېقىن-يورۇقلار ئۆز-ئارا قوللاش، مەدەت بېرىش
7. يۇقىرىقىلارنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇش

ئېنىقكى، سېمىزلىك خۇددى ئاستا خاراكتېرلىك راكقا ئوخشاش، ئادەمنىڭ ئۆمۈرىنى قىسقارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى كۆپچىلىكنى بەدەن ئېغىرلىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، ساغلاملىققا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش مەقسىتىدە، «ئەلداۋا بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلىغۇچ» نى ئېلان قىلدى.
سىز پەقەت تۆۋەندىكى چىپار كودنى سىكاننېرلاپ، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، سالونغا 1 رەقىمىنى يوللىسىڭىزلا، ھېسابلىغۇچنى تاپشۇرۇۋالالايسىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇپلا، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىڭىزنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ئۆلچەملىك ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر