ئائىلە ساغلاملىقىنىڭ ئۆلچىمى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ساغلام ئائىلە كىشىنى شاد - خۇراملىققا، كۆتۈرەڭگۈ روھقا ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ساغلام ئائىلىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:


1. ئائىلە ئەزالىرى ناھايىتى ئىناق بولۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشى، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇشى كېرەك.

2. ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئەمگىكىنى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، بىر - بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى كېرەك.
3. ئەر - خوتۇنلار ئۆزئارا بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشى، بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك.
4. ئائىلىدە خۇشاللىق، يۇمۇرلۇق كەيپىيات بولۇشى، كىشىگە ئازادە ۋە ئارامبەخش تۇيغۇ بېرىدىغان مۇھىت يارىتىلىشى كېرەك.
5. ئائىلە ئەزالىرى سۆز - ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشى، گەپ - سۆز ۋە يۈرۈش - تۇرۇشتا مەدەنىيەتلىك بولۇشى كېرەك.
6. ئائىلە ئەزالىرى باراۋەر بولۇشى كېرەك.
7. بالا تەربىيەلەشتە ئۆزى ئۈلگە بولۇش، ئىلمىي تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، بالىنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
8. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈش، قول قوشتۇرۇپ تۇرماسلىق، ئۆزئارا ئاغرىنماسلىق كېرەك.
9. ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەر خىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇشى لازىم.
10. ئائىلە ئەزالىرى بىر - بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر