قانداق تېمپېراتۇرا ساغلام ئۇيقۇغا ماس كېلىدۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن، مۇۋاپىق ئۇيقۇ تېمپېراتۇرىسى بولۇش زۆرۈر ئىكەن. ئادەتتە كىشىلەر يوتقان يېپىنماي ياكى ئۇخلاش كىيىمى كىيمەي ئۇخلىغاندا، ئۇيقۇ تېمپېراتۇرىسى ℃30 ~ ℃32، ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ ئۇخلىغاندا، ئۆي تېمپېراتۇرىسى ℃16 ~ ℃19، پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان پەسىللەردە، ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃22 ~ ℃24 بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن.


تېببىي تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولغاندا، بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى ئەڭ ياخشى ھالەتكە يېتىدىكەن. بۇنداق ھورمۇنلار ئادەتتە، ئۇيقۇ ھورمۇنلىرى دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇلار بەدەندىكى ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر