تەۋسىيە: راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىسى، چىمەنگۈل زىبىبۇللا تەرجىمىسى.

ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، كشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىنىڭ تىزلىشىشدەك مۇشۇنداق شارائىتتا سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلىيالىغاندىلا ئاندىن تۇلۇپ-تاشقان قىزغىنلق ۋە ياخشى كەيپىيات بىلەن خىزمەت ۋە تۇرۇشقا كىرشەلەيمىز. ئالدى بىلەن ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى تۇرغۇزۇشمىز كېرەك. ساغلام ھالەتنى ساقلاشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى- ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش، ئالايلۇق، تاماكىدىن يىراق تۇرۇش، مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي ئۇزۇقىلىنش، كۆكتاتلارنى، مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، يۇقىرى ئاقسىلىق، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، تەنھەرىكەتنى كۈچەيتىش ۋەھاكازالار. ئەمەلىيەتتە ھەرىكىتنى خالىغان ۋاقىت ۋە ئۇرۇندا قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، خىزمەت ئارلىقىدا ئاددىي بولغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش، پۈتۈن بەدەننى ئەركىن ھالەتتە قۇيۇۋېتش، بەدەننى كۈچىلەنىدۈرۈش، بولۇپمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئاق ياقىلىقلار ھەر 40مىنۇتتا ئورۇنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا نورمال بولغان كەيپىيات ھالىتىنى ساقلاش. بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئۇنىڭ سالامەتلىكى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، روھىي بېسىمىنى مۇۋاپىق يىنكىلەشتۈرۈشنى، كەيپىيات ھالىتىنى تەڭپۇڭ تۇتۇشنى ئۆگنىۋېلىشى كېرەك.ئەگەر داۋاملىق يۇقىرى بېسىم ھالەتتە تۇرۇش ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدەنىلك سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، ئۆسمە كېسەللىكىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ھەممسى كەيپىيات بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا بولسا سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇش كەم بولسا بولمايدۇ. ھەربىر ئادەمدە ساغلاملىق ئېڭى بولۇشى، بۇلۇپمۇ 40ياشتىن ئاشقانلار تېخىمۇ شۇنداق، بۇلار قەرەلسىز ھالدا سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرىشى كېرەك. كېسەل قانچە بالدۇر بايقالسا داۋالاش ئۈنۈممۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ، داۋالاش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئىقتىساد ۋە كۈچمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ. نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشگە ئەگىشىپ ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۈنىدىن- كۈنىگە يۇقىرلىدى. مۆلچەرلىنىشچە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تۆۋەنىلشمۇ ناھايىتى تەس، بىراق بىز پەقەت بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بارغاندا كېچىكىپ بايقاشقا سېلىشتۇرغاندا ياخشى بولغان داۋالاش ئۈنۈمگە ئىرشەلەيىمز.
 ئۇنىڭدىن سىرت مەن ئۆسمە كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا تۆۋەندىكى تەكىلپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
بىز ئۆسمگە نىسبەتەن تۇلۇق ۋە شۇنداقلا ئوبىيكتىپ بولغان قاراشنى تۇرغۇزۇشمىز كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدۇ، ھەتتاكى قالايمىقان كېسەل كۆرسىتىدۇ، يەنە نۇرغۇن بىمارلار ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانىدىن كېيىنلا ئاساسىي جەھەتتىن ئۈمۈد يوق دەپ قارايدۇ. ئەگەر بىز ئۆسمگە نىسبەتەن ئورتاق ئوبىيكتىپ قاراشتا بولالىساق، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس. كىلىنكىدا 3/1 قىسىم ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ساقايتقىلى ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپنىمۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، يەنە نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالاش ئارقىلىق تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان، ئۇزاق مۇددەت كونترولققا ۋە قايتا تەرەققىي قىلماسلىققا ئىگە بولۇشتەك ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچتىكى بىمارلارغا نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، بىراق ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىلىرى ئارقىلىق بىمارنىڭ ئاخىرقى ھاياتىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ۋە ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىلىتىمىز، شۇ نىڭ ئۈچۈن بىمارلار ئۆزىنىڭ ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن ھامان سېستىملاشقان دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس بۆلۈم داۋالىشنى قوبۇل قىلىشى، سېستىملاشقان داۋالاش ئاپىراتىلىرنىڭ دوختۇرلىرىغا ئىشنىشى كېرەك.
ھازىر كۆپ قىسىم ئۆسمە كېسەللىكىلرگە ئېنىق بولغان دىئاگىنوز قويۇپ داۋالاش ئۆلىچىمى بار، دەسلەپكى ،ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى مەزگىلىنى قانداق داۋالاش پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغىدىغان داۋالاش پىرىنسىپى، پەقەت داۋالاش پىرىنسىپغا رىئايە قىلغاندا، ئوخشاش ئەھۋالدىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان داۋالاش ئۈنۈمگە ئىرشىكلى بۇلىدۇ. ھازىر داۋالاشنى قوبۇل قىلۋاتقان ئۆسمە كېسەللىك بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئۆسمگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ بىلمىلەرنى بىلشى، ئاكتىپ ۋە خۇشال بولغان كەيپىياتنى ساقىلشى، دوختۇرخانا، دوختۇر ۋە سېستىرالارنىڭ داۋالىشغا ماسلىشىشى، دوختۇر ۋە شۇنداقلا بىمارنىڭ بىرلىكتە ئۆسمە كېسەللىكىلرىگە يۈزىلىنپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقىغا ئىشنىش كېرەك. ئۆسمە كېسەللىك بىمارلىرى ئىنىتىرنىت، تېلېۋزور، گېزىت قاتارلىقلار ئارقىلىق باشقا بىمارلارنىڭ ئۆسمگە قارشى تۇرۇش ھېكايىلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرىشى كېرەك. ئاشۇ ھەر كۈنى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تىرىك مىساللار ،ئۇلارنىڭ كېسەلگە قەيسەرلىك بىلەن يۈزىلىنشى ،چىدامچانلىق بىلەن كېسەلىدىن ئىبارەت بۇ ئەزرائىل بىلەن ئېلشش روھىي ئادەمنى ناھايىتى تەسرلەندۈرىدۇ ،ئادەمگە ئىلھام ۋە كۈچ ئاتا قىلىدۇ .


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر