ئەتىيازدا يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى ئازراق تاقاڭ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەتىيازدا ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن گۈل چېڭى، چاڭ - توزان ۋە قۇرغاق ھاۋا  كۆزنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، قىچىشتۇرۇپ بىئارام قىلىدۇ. يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقايدىغانلار ئەتىيازدا كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلمىسا، ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئەتىيازدا يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاشتا تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى، ئەڭ ياخشىسى رامكىلىق كۆزئەينەك تاقاپ، كۆزىنى ئارام ئالدۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ.


يوشۇرۇن كۆزئەينەك كۆز ئالمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە مۇقىملاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، كۆز ئالمىسىغا «ماسكا» تاقاپ قويغانغا باراۋەر، ئاسانلا مۈڭگۈز پەردىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى پايدىلىق مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. گۈل چېڭى، چاڭ -توزان، قۇم كۆزگە كىرىپ كەتسە، يوشۇرۇن كۆزئەينەككە يېپىشىپ، تاقىغۇچىلار بىردەم  - بىردەم كۆزىنى ئۇۋۇلاپ، كۆز ئالمىسىغا نىسبەتەن مېخانىك سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، كۆزنىڭ ئاسان ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ ئەتىيازدا ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ئۇزۇن مۇددەت يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىسا، كۆز قۇرغاقلىشىدۇ.
ئەتىيازدا يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغاندا، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قولنى پاكىز يۇيۇش، كۆزئەينەك قاپچۇقىنى ياندا ئېلىپ يۈرۈش، كۆزگە قۇم - توپىلار كىرىپ كەتسە، كۆزئەينەكنى چىقىرىپ ۋاقتىدا پاكىز يۇيىۋېتىش كېرەك. قۇم - بورانلىق ھاۋا رايىدا ئەڭ ياخشىسى رامكىلىق كۆزئەينەك تاقاش كېرەك. بۇنىڭدا بىر جەھەتتىن، كۆزنى ئاسراپ، كۆزگە قۇم - توپا كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، كۆزگە قۇم - توپا كىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، كۆز يېشى قۇم - توپىلارنى ۋاقتىدا يۇيۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. سىرتتا ئۇزۇن ۋاقىت ۋېلىسىپىت ياكى موتوسېكلىت مىنىدىغان چاغدىمۇ يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاش مۇۋاپىق ئەمەس. يول يۈرىۋاتقاندا ئەتراپتىكى ھاۋا ئېقىمى يوشۇرۇن كۆزئەينەكتىكى سۇ مىقدارىنى تېز سۈرئەتتە ئازايتىۋېتىپ، ئەينەك تەدرىجىي قۇرغاقلىشىپ، قېتىۋالىىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆزئەينەكنىڭ قاتتىق نېپىز ياپراقچىسى مۈڭگۈز پەردە ئېپىدېرما توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، كۆز ئاغرىش، قىچىشىش، قىزىرىش، ھەتتا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى رامكىلىق كۆزئەينەك ياكى قوشۇمچە قارا كۆزئەينەك تاقاش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر