ياڭيۇ شۆپۈكىدە باش يۇسا مۇنداق كارامەتلەر يۈز بېرىدىكەن

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاقلىۋەتكەن ياڭيۇ شۆپۈكىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ! ئۇنى چاچ بوياش دورىسى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قىلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى بەكلا قالتىس، قېنى تېزدىن قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

چاچ بوياش دورىسى قىلىشقا بولىدۇ

بەزىلەرنىڭ يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بېشىدا خېلى كۆپ ئاق چاچ بار. چاچنى بوياپ قايتىدىن قارايتاي دېسە، چاچ بوياش دورىلىرى بەدەنگە زىيانلىق، ئۇنداقتا ياڭيۇ شۆپۈكى سۈيىنى سىناپ بېقىڭ!

ياڭيۇنى پاكىز يۇيۇپ، ئاقلىغاندىن كېيىن، سۇ ۋە ياڭيۇ شۆپۈكىنى 1:2 نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ، قازانغا سېلىپ قايناتقاندىن كېيىن بەش مىنۇتقا يېقىن چىلاپ قويىمىز، قازاندىكى سۇ سوۋۇغاندىن كېيىن ياڭيۇ شۆپۈكىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

چاچنى ئازراق نەمدىگەندىن كېيىن، ياڭيۇ شۆپۈكى سۈيىنى سۈرتىمىز، قانچە كۆپ سۈرتسەك چاچنىڭ رەڭگى شۇنچە قېنىقلىشىدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ياڭيۇ تەركىبىدىكى بىر خىل ماددا ھاۋادا بىرىكىپ قارا پىگمېنتقا ئۆزگىرىدۇ. كۆپچىلىككە دەپ قويۇشىمىزغا تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئۈنۈم خالاس.

ئۇزۇن قۇتىلارنى تازىلاشقا بولىدۇ

ئاغزى تار، ئۇزۇن ئىسسىق ساقلاش قۇتىلىرىنى يۇيۇش بەكلا ئاۋارىچىلىك! ئەگەر سىزنىڭ باشقا ئەپچىل تازىلاش قورالىڭىز بولمىسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ!

ئاقلىۋالغان ياڭيۇ شۆپۈكىنى ئىسسىق ساقلاش قۇتىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئىسسىق سۇ قۇيۇپ، قۇتا ئاغزىنى ھىم ئەتكەندىن كېيىن ئاستى-ئۈستى شالاقشىتسىڭىز، پەقەت قىسقىغىنا 30 سېكۇنتتا مۆجىزىگە شاھىت بولالايسىز!

بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ياڭيۇ شۆپۈكىدىكى كىراخمال يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يولۇققاندىن كېيىن تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. بۇنى بىلىۋالسىڭىز بۇ ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزدىكى كۆپلىگەن تازىلاش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايسىز.

داغنى تازىلاشقا بولىدۇ

قاچا يۇيۇش كۆلچىكى ياكى قازان ئاستى دائىم مايلىشىپ كەتسە ھەرگىز قورقماڭ! ياڭيۇ شۆپۈكى بىلەن سۈرتىۋەتسىڭىز شۇ ھامان پاك-پاكىز بولۇپ كېتىدۇ.

ئاقلىۋەتكەن ياڭيۇ شۆپۈكىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇق تەخسىگە سېلىپ قويىمىز.

مەينەت قازان ئاستى ياكى قاچا يۇيۇش كۆلچىكىنى يېنىك سۈرتكەندە، 30 سېكۇنتتىلا مەينەت نەرسىلەر ۋالىلداپ پارقىراپ كېتىدۇ.

قاپارتقۇنى يوقىتىپ ياللۇغنى تۈگىتىدۇ

يۈزگە قاپارتقۇ چىقىپ قالسا پۈتۈن يۈز قىزىرىپ ئىششىپ كېتىدۇ، بۇ ھەم كىشىنى بىئارام قىلىدۇ ھەم چىراينى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز قېلىن ئاقلانغان ياڭيۇ شۆپۈكىنى يۈزىڭىزگە يېقىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

يېڭى ياڭيۇ سۈيىنىڭ ناھايىتى ياخشى ياللۇغنى قايتۇرۇش رولى بار، ئۇنى يۈزگە چاپلىغاندا يەنە تېرىنى ئاقارتىپ، تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى مايلارنى سۈمۈرىدۇ، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىمۇ خېلى قالتىس!


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر