ئىچكى ئەزالار ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ سىز بىلمەيدىغان بىشارەتلىرى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئېيتىپ بەرگەن تۆۋەندىكى ئالامەتلەرگە قاراپ، ئىچكى ئەزالىرىڭىزدىكى ئاجىزلاشقانلىق ئەھۋالىنى بايقىۋالالايسىز. ئەگەر ئالامەت روشەن بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

1. كۆز ئۇشتۇمتۇت نەرسىنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بۇلۇپ قېلىش: بۇ جېگەرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى، جىگەرنىڭ تۆت ئەتراپىنى باسسا ئېغىر بىلىنىدۇ. تېلېۋىزور كۆرگەن ياكى كىتاب ئوقۇغاندا كۆز ئىشلىتىش ۋە كۆز تازلىقىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش لازىم، كۆزنىڭ زىيادە چارچىشى جىگەرگىمۇ زىيانلىق؛
2. پۇراش سېزىمى بارغانسىېرى ئاجىزلاش: بۇ ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. مەسلەن: زۇكام بولغاندا ئىلگىرى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنىڭ تېتىماس بۇلۇپ قېلىشى ئۆپكىگە زىيان-زەخمەت يەتكەنلىكىتىندۇر؛
3. ئېغىز سىزىمى ئاجىزلاش: بۇ ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئاشقازانغا زىيان-زەخمەت يەتسە كالپۇك قۇرغاقلىشىدۇ، ھەتتا يېرىلىدۇ. ئاشقازان بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ مۇناسىۋى ئاكا-ئۇكا مۇناسىۋىتىدەك بولغاچقا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمىسا، ئاشقازانغىمۇ تەسىر يېتىدۇ؛
4. قۇلىقى ئېغىر بۇلۇپ قېلىش، ھەتتا ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلىيالماس بۇلۇپ قېلىش: بۇ بۆرەكنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. بۆرەك خىزمىتى كاشىلا بۇلۇش كۆپىنچە ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلاردا بولىدۇ. قوپماي ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلار تېخىمۇ دېققەت قىلىش لازىم؛
5. تەم سېزىمى ئاجىزلاش، تەمنى تېتىيالماسلىق: بۇ يۈرەك خىزمىتىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئېغىز قۇرۇپ ۋە قېرىقلىشىپ تەمنى بىلەلمىگەندە يۈرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىش بۇلۇپ قېلىشقا دېققەت قىلىش لازىم؛

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر