چىش پاستىسى ئىشلىتىش ئۇسۇلىڭىز توغرىمۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

   چىشنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن چىش پاستىسى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.


    كۆپ قىسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاجرىتىپ چىقىرىلغان شۆلگەينىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار. كۈندۈزى شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كېچىدىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، باكتېرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا كۈندۈزى ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە چىش پاستىسى ئىشلىتىش كېرەك.
    ئادەم ئۇخلىغاندا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپ بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن باكتېرىيەلەر ناھايتى ئاسانلا پەيدا بولۇپ، تۈرلۈك ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كەچتەە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە چىش پاستىسى ئىشلىتىش كېرەك. بىرلا خىل چىش پاستىسىنى ئىشلەتكەندە، بىر قىسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر