ماشىنىدا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 7 خىل ئەپچىل ئۇسۇل

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1.ئۇخلاش ئۇسۇلى
ئەگەر ئىككىنجى كۈنى ساياھەتكە چىقماقچى بولسىڭىز ،ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى يىتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ .نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىنچى كۈنى باش قىيىشتىن ئەنسىرەپ ،ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ.بۇنداق كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا ياكى بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت ئىچسە تىز ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
2.يىمەك ئىچمەك ئۇسۇلى
ماشىنىدا بېشى قايىدىغانلار ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن مايلىق ۋە يۇقىرى ئاقسىللىك ي ىمەكلىكلەرنى يىمەسلىكى كېرەك،بۇ خىل يىمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ ،كۆڭۈل ئېلىششنى تىزلەشتۈرىدۇ.ئادەتتە 70پىرسەنىت تۇيۇنۇش كىرەك.
3.پىسخىكىسىنى كونتۇرۇل قىلىش
ماشىنىدا بېشى قايىدىغانلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى ئەركىن قۇيىۋېتىش،دائىم بېشىم قايسا قانداق قىلارمەن دىگەنلەرنى خىيالىغا كىرگۈزۋالماسلىق ئەڭ مۇھىم.ئەڭ ياخشىسى باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش،ناخشا ئېيتىش،ياكى كىچىك ئۇيۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق دىققىتىنى بۇراش لازىم.


4.يېراقلارغا نەزەر سېلىش
مۇتەخخەسىسلەر بېشى قايىدىغانلارغا ماشىنىدا ئولتۇرغاندا نەزىرىنى ماشىنىنىڭ يۈنىلىشىدىن يېراق قىلماسلىقنى يەنى دېرىزىدىن سېرىتقا قاراپ ياكى كىتاپ كۈرۈپ،تېلفۇن ئويناپ ئولتۇرماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ماشىنىدا ئولتۇرغاندا ماشىنىنىڭ ئالدىغا يەنى يېراقلارغا قاراپ ئولتۇرۇش باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5.ئېغىزدا بىر نەرسە شۈمۈش
ماشىنىدا بېشى قايىدىغانلار ماشىنىغا چىققاندا ئىككى پارچە يېڭى زەنجىۋېل پارچىسى سېلىپ شۈمۈپ ماڭغاندا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
6.پۇراش
زەنجىۋېل پارچىسى،ئاپلىسىن پوستى قاتارلىقلارنى پۇراپ بەرگەندە ياكى بۇرۇن تۈشىكىگە سېقىپ بەرگەندىمۇ باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
7.پەللىنى تېپىش
يېڭى زەنجىۋېل پارچىسى ياكى ئاپلىسىن پوستىنى كىندىككە قۇيۇپ ئۈستىگە شامالداراشتىن كىلىپ چىققان ئاغرىقنى توختىتىدىغان مەلھەمنى سۈرۈپ قۇيساقمۇ ئۈنىمى ياخشى بۇلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر