چېچى مايلىق كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. مۇۋاپىق چاچ سوپۇنى تاللاش
چېچى مايلىق كىشىلەر چېچىنى پات - پات يۇيۇپ تۇرمىسا بولمايدۇ. ئەمما، بەزىلەر چېچىنى قانچە كۆپ يۇغانسېرى، شۇنچە تېز مايلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق چاچ سوپۇنى تاللاشقا دىققەت قىلىش، ئەڭ ياخشىسى ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل چاچنى پارقىرىتىپ، سىلىقلايدىغان چاچ سوپۇنلىرىغا سىلوكسان قوشۇلغان بولۇپ، چاچ ۋە باش تېرىسىدە قېپقالغان قالدۇقلىرى تېخىمۇ ماي ئۆرلىتىپ، چاچ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، مايلىق چاچلارغا ئەڭ ياخشىسى سىلىتسىيسىز چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرى ئادەتتە سۇيۇقراق ھەم سۈزۈكرەك كېلىدۇ، باشنى يۇسا، باش تېرىسى ناھايىتى قۇرغاق ھەم پاكىز بولىدۇ، بىرنەچچە كۈنگىچە ماي ئۆرلىمەيدۇ.
2. مۇۋاپىق چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى تاللاش
كۆپ قىسىم چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە سىلىتسىي بولىدۇ، ئەگەر چوقۇم بۇ خىل چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، باش تېرىسىگە تەگكۈزمەسلىك ھەم چاچنى پاكىز چايقاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئورنىدا ئاق ئاچچىقسۇ ئىشلەتسىمۇ، ئوخشاشلا چاچنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ھەم تەبىئىي ساغلام بولىدۇ.
3. چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش
مايلىق چاچلاردا ئاسانلا ماي تەپچىرەش خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدا بىر قىسىم جۇڭگو تېبابەت دورىسى تۈرىدىكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۆتىدىل چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە ئىچىدىن تەڭشەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە، قارا كۈنجۈت ۋە ياڭاق تالقانلىرىنى كۆپرەك يېسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، چاچنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
4. ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش
مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق ۋىتامىن ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش، بەك تويۇنۇپ غىزالانماسلىق، قورۇلغان، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر