چاچ ئاسراشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

قۇرغاق چاچقا ماي سۈرۈش كېرەك. چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى، چاچ مېيى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى ياقتۇرمايدىغانلار ياكى كۆپ ئىشلەتمەيدىغانلار چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، چاچ ئۇچىغا گىلىتسېرىن، زەيتۇن يېغى، ۋىتامىن E قاتارلىقلارنى سۈرسە بولىدۇ.
ياخشى پىسخىكىلىق كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك. كۆڭۈل ئازادىلىكى چاچ ئاسراشتىكى مۇھىم ھالقا. جۇڭگو تېبابىتىدە كەيپىيات ياخشى بولمىسا، ئەزالارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، غەزەبلىنىش جىگەرنىڭ قاننى زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ؛ قايغۇرۇش تالنىڭ قان يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ؛ ئاچچىقلىنىش قان ئايلىنىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇلار يەنە چاچقا پايدىسىز ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.
قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .بۇ ياخشى كەيپىياتنىڭ ئاساسى. ئادەتتە، كەچ سائەت 11 دىن كېچە سائەت 2 گىچە بولغان ۋاقىت چاچ ۋە تېرىدە ماددا ئالمىشىدىغان ئالتۇن ۋاقىت. شۇڭا، ۋاقتىدا ھەم قانغۇچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئائىلىدە چاچ مەلھىمى تەييارلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تۇخۇم، ھەسەل، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق نىسبەتتە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، چاچ تۈۋىگە سۈركەپ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن سوغۇق سۇدا يۇيىۋەتسە بولىدۇ. قۇرغاق چاچقا تۇخۇم ئېقى بىلەن سېرىقىنى تولۇق ئىشلىتىپ، مايلىق چاچقا ئېقىنىلا ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ خىل مەلھەمنى ئالدىن تەييارلىۋالماي، ئەڭ ياخشىسى ئۇدۇللۇق تەييارلاپ ئۇدۇللۇق ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، باكتېرىيەلەر ئاسانلا كۆپىيىدۇ.
شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، ئەگەر ھەر كۈنى چاچنىڭ چۈشۈش مىقدارى 100 تالدىن ئېشىپ كەتسە ياكى چاچ چۈشۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەل، پۇت سىرقىراپ ئاغرىش، بۆرەك زەئىپلىشىشتىن سۈيدۈك كۆپىيىش، باش قېيىش، كالپۇك تاتىرىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر