ئادەمنىڭ يۈزىگە قاراپ ساغلاملىققا دىياگنوز قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. قۇلاقتىن بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. قۇلاق قىزىل ياكى بىنەپشە رەڭدە بولسا، بۇ بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى ، بۇ چاغدا ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇپ، قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
2. كۆز ئاستى (تۆۋەنكى قاپاق) دىن قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئادەتتە كۆز ئاستى ئەت رەڭدە بولىدۇ. ئەگەر ئاق رەڭدە بولسا ياكى ئىششىپ قالسا، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن بولىدىغان قان ئازلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ چاغدا تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش كېرەك. كۆز ئېقىنىڭ قىل قان تومۇرلىرىدىكى قىزىرىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئۇزاققىچە يوقىماسلىقى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى، چۈنكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقتىن، بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلىدۇ.

3. مەڭزىدىن ئۆپكە ساغلاملىقىدىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ. ناۋادا مەڭزى سۇس يېشىل بولسا ئۆپكە راكى، جىگەر رەڭدە بولسا يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ بېشارىتىدۇر.
4. پېشانە ئۈچەي ۋە دوۋساقنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدۇ. پېشانىدىكى داغ ۋە چوڭقۇر قورۇقلار ئۈچەي ۋە دوۋساق بېسىمىنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر.
5.كالپۇك ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىن بېشارەت بېرىدۇ. يۇقىرىقى كالپۇكقا ئاساسەن ئاشقازان ئەھۋالىغا دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. ئەگەر تۆۋەنكى كالپۇك ئىششىپ قالسا قەۋزىيەتنىڭ بېشارىتىدۇر.
6. قوشۇمىغا ئاساسەن جىگەر ۋە ئۆت ساغلاملىقىغا دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. قوشۇمىدا تىك قورۇق پەيدا بولسا، بەدەندىكى ياغنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى.
7. قاڭشار تال، ئاشقازان، ئۇيقۇ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئەگەر قاڭشارنىڭ ئۈستىدە ئۈزۈلگەن ھالەتتىكى ۋېنا كۆرۈنسە قان شېكىرىنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
8. ئادەتتە ئادەمنىڭ قاپىقى ئىششىپ قېلىش، قارىداپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە بۇ ئادەم ئورگانىزمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، تال ئاجىزلىسا قاپاق ئىششىيدۇ ، بۆرەك ئاجىزلىسا قاپاق قارىدايدۇ دېگەن قاراش بار .
 لەۋگە قاراپ بىلگىلى بولىدىغان كېسەللىكلەر
 لەۋ قېنىق رەڭدە بولسا: بۇ بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، چىش بىلەن باش ئاغرىش، باش قېيىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاچچىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى، شۇنداقلا توخۇ، قوي گۆشىنى يېمەسلىك كېرەك.
لەۋ سۇس ئاق رەڭدە بولسا: بۇ قان كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاسان چارچاش، دولىسى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۆش تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىش بىلەن بىللە، يەر ياڭىقى يەپ بېرىش كېرەك.
لەۋ سۈزۈك قارا رەڭدە بولسا: بۇ قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دېمى سىقىلىش، كۆكرىكى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كۈندە يېرىم سائەت چېنىقىپ بېرىش، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
لەۋ ئەتراپى قارىدىغان بولسا: بۇ بەدەندە نەملىك ئېشىپ كېتىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماسلىق، دائىم پۇتنى قىزىق سۇغا چىلاپ بېرىش كېرەك.
لەۋ يېرىلغان بولسا: بۇ بەدەندىكى ماي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، كۈندە ئۈچ تال مايمۇن شاپتۇلى يەپ بېرىش، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
چاچقا قاراپ بىلگىلى بولىدىغان كېسەللىكلەر
چاچ سارغىيىش. بۇ خىل چاچ قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە قان ئازلىقىنىڭ ئىپادىسى.
كۈل رەڭ چاچ. نورمال ئەھۋالدا ئادەم 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، چېچى تەبىئىي ھالدا ئاقىرىشقا باشلايدۇ، لېكىن چاچ تۇيۇقسىز كۈل رەڭ ھالەتكە كېلىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ ئىچكى ئورگانىزملارنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دىققەت قىلىش كېرەك.
ماڭلاي چاچنىڭ ئاقىرىشى مىجەزنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مىجەزنىڭ ئىپادە ئورنى ماڭلاي بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەشنىڭ ماڭلاي چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى چوڭ. مىجەزى ياخشى ئەمەس ئادەملەردە دائىم قورسىقى كۆپۈش، قورسىقى ئاغرىش، ئاشقازىنى ئېچىشىش، ئېغىزى لاۋزىلىشىش، پۇت–قولى ئسسىماسلىق، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.
ئىككى چېكىنىڭ ئاقىرىشى جىگەر ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى چېكە، جىگەرنىڭ ئورگانىزملار ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە تەسىر ئورنى بولۇپ، جىگەر ھارارىتى كۈچلۈكلەر ياكى تەرسا مىجەزلىكلەر، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىدىغانلاردا دائىم ئېغىز–تىلى قۇرۇش، ئېغىزى ئاچچىق بولۇش، كۆزى ئېچىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جىگەر ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئارقا مېڭە دوقىسى ئاقارسا، بۆرەك قۇۋۋىتى يېتىشمىگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئارقا مېڭە دوقىسى دوۋساقنىڭ ئورگانىزملار ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە تەسىر ئورنى بولۇپ، دوۋساق قۇۋۋىتى ئاجىزلاردا دائىم پات–پات سىيىش، ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويۇش، چوڭ تەرەتنى تۇتالماسلىق، كىچىك تەرىتى راۋان بولماسلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. دوۋساقنىڭ ئاساسلىق رولى سۈيدۈك ساقلاش ۋە سۈيدۈك چىقىرىش بولغانلىقتىن، بۇ تۈردىكىلەر سۈيدۈكىنى ئاسانلىقچە تۇتالمايدۇ. دوۋساقنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش رولى بۆرەك قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك–ئاجىزلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر